بۇ ساندىكى ماقالىلەردىن ئارىيە

ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، جەمئىيەت ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ مەنبەسى ۋە خەلقىمىزنىڭ خاتىرىسى. تارىخنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۇنجى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ رەسمىي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان گوڭ زىجېن (1841 – 1972): «بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇ مىللەتنى يوقىتىش مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلار تارىختا ئىز قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ۋە تارىخى يېزىلىپلا تۇرىدىكەن مەڭگۈ يوقالمايدۇ. ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋە تارىخچىسى جورج سېينتىسبۇرگ (1933–1845)نىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، تارىخچىلار يالغان سۆزلىيەلىسىمۇ، تارىخ يالغان سۆزلىيەلمەيدۇ.

قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ۋە مۇتەپەككۇرى سۇسىيدىدېس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 400–460) تارىخنىڭ فۇنكسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تارىخ پەقەت تەكرارلىنىشتىنلا ئىبارەت. ئۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆز ئەينىسى بولۇپ، يەنە قايتا يۈز بەرمەيدۇ. شەكىل جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، زامان ۋە ماكان تۈپتىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىماسلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تارىخنى باشقا ئىلىملەرگە ئوخشاش، سىناق قىلغىلى ۋە كۆزەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەر بۈگۈنكىلەرنى تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ» ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن تەجرىبە – ساۋاق يەكۈنلىشى ئۈچۈن ھەم تارىخى تولۇق يېزىلغان بولۇشى ھەمدە تارىخىي ئېڭى بولۇشى لازىم.

بۇ سان مۇندەرىجىسى

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ