بۇ ساندىكى ماقالىلەردىن ئارىيە

بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلۈۋاتقان يەر مۇسۇلمانلار دۇنياسىدۇر. تۇنىستىن مىسىر ۋە سۇرىيەگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىلغار ۋە ئوتتۇرا قاتلام مۇسۇلمانلار، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈمىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئاكتىپ خەلق ھەرىكەتلىرى قوزغاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە. بۇ مۇسۇلمانلار دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە قارشى چىقماقتا ۋە باراۋەرلىك ھۆكۈم سۈرگەن مۇقىم ۋە باياشات جەمئىيەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلماقتا. لېكىن، يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار كۆزلەنگەن نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمىدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرىلەش بىلەن چېكىنىش باسقۇچلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. مەزكۇر باسقۇچ ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستانمۇ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە نېسىۋىسىنى ئېلىشى مۇمكىن.

19–ئەسىردىن بويان، غەرب مەركەزلىك قىممەت – قاراشلار ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە خاس تۈزۈم ۋە سىستېما تاپالمىغان ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار غەربنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان توپلۇقلارنىڭ مودېرنلىشىشى ئۈچۈن ئىدىيە ئىزدەشكە ئاتلاندى؛ ئوخشاشلا، مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ غەرب مەنبەلىك دۆلەت ئۇقۇمىغا ماس سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت يارىتىشقا تىرىشتى. لېكىن، مەزكۇر ئىدىيەلەر ۋە تۈزۈلمە ئۇسۇللىرى نە ئىسلامىي قىممەت – قاراشلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنى، نە سېكۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى.

بۇ سان مۇندەرىجىسى

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ