بۇ ساندىكى ماقالىلەردىن ئارىيە

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلۇس تىل، دىن، ئېتنىك ئاساس قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق بىر تارىخقا ئىگە بولغان، باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئورتاق بىر قىممەت قارىشى ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەرىپلىنىۋاتىدۇ. قىسقىسى ئۇلۇس، ئورتاق تارىخ ۋە ئەنئەنە ئاساسىدا ئوخشاش بولغان چۈشەنچە قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغان، يەنى، ئورتاق بىر ئېتىقاد ۋە ئاڭ بىرلىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئۇلۇسنىڭ ئەڭ ئالى مەنزىلى ۋە نىشانى بىر دۆلەت شەكىللەندۈرۈشتۇر.

بۈگۈنكى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇسلار ئاساسەن ئۈچ خىل شەكىلدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بىر قىسمى بۈيۈك ئىمپېراتورلۇق ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن، بىر قىسمى ياتلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى بىرلىكتە قوغدىنىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئالدى بىلەن دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق بىرلىك ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ئورتاق بىر ئۇلۇس كىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن كىملىك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان ئۇيغۇرلار، بۇ كىرىزىسقا قارشى بىر ئۇلۇس كىملىكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا يۇرتۋازلىق ئېڭى ئۇيغۇر ئۇلۇس كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش ھېسسىياتى، ئورتاق قاراش ۋە ئورتاق پىكىر كۈچى، ھەمدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

بۇ سان مۇندەرىجىسى

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ