بۇ ساندىكى ماقالىلەردىن ئارىيە

خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ، كابۇل، كەشمىر، چۇڭچىڭ، ئۈرۈمچى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرۇپ قىممەتلىك ئۆمرىنى ۋەتىنى ئۈچۈن سەرپ قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا )1901 – 1965 ،)ھاياتىدا ئۇلۇغ ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ مەدرىسە ھاياتى بىلەن ئەركىنلىك كۈرىشى مەزگىلىدىكى جىھادىي ھەرىكىتىگە بارلىق ئىسالمچى ئېقىمالر بەس – مۇنازىرىسىز يۇقىرى باھا بېرىدۇ. بۇ خىل ئومۇمىي باھانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى پوزىتسىيەلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى تۇرمۇش قارىشى ۋە ئىدىيەسىدىكى بەزى پىكىرلىرى دىنىي جەھەتتىن ئىزاھلىنىشقا ۋە شەرھىيلەشكە موھتاجدۇر. مانا مۇشۇ خىل زىددىيەتلەنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېزىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بۇ ماقالىدە، ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ يېتىلىش مەزگىلىدە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن دىنىي ئامىللارنىڭ ئىزنالىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، سىياسىي كۈرىشىدىكى مىللەتچىلىكنى تەكىتلىشى دىنىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە بولسا، ئۇنىڭ ئىسالمچىلىق تونۇشى ۋە تۈرك – ئىسالم تەپەككۇر سىستېمىسىدىكى ئورنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەرىكىتىنىڭ دىنىي قىسمىغا قۇرئان ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن باھا بېرىلىدۇ.

بۇ سان مۇندەرىجىسى

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ