ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان سان – ساناقسىز تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئورنىنى تىكلىگەن. بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، «مەدەنىيەت » سۆزىنىڭ ئورنىغا «ئۇيغارلىق )ئۇيغۇرلۇق( » سۆزىنى ئىشلىتىشنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئەبەدىيلەشتۈرگەن. رىۋايەتلەردىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمقى مەدەنيەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جېيمىس چېچۋورد ) James « )Churchward غايىپ بولغان مۇ قىتئەسى » تېمىلىق ئەسىرىدە، بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بەزى ھۇنگېرىيە ئالىمىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس گۈننار ۋولفرىد ياررىڭ ) Gunnar Valfrid Jarring ( نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرىمۇ شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىگە بولغان قىزىقىشىغا باغلايدۇ. كانادالىق تەتقىقاتچى ئېتېل گ. ستېۋورت Ethel G. Stewart( ( قىرىق يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئاخىرىدا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى ھىندىئانلارنى ئۇيغۇر نەسىلىدىن كېلىپ چىققان، دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. 20 – ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تارىخشۇناسلاردىن ئارنولد ج. تويىنبى ) Arnold J. Toynbee ( ياپونىيەنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئىجتىمائىي پەن ئالىمى دايساكۇ ئىكېدا ) Daisaku Ikeda ( بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە، تارىخنىڭ قايسى مەزگىلىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ مىلادى 1 – ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي مەلۇماتلاردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى كۆچمەن ھاياتتا ياشىغان بولسىمۇ، 9 – ئەسىرگە كەلگەندە مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا ئۆتۈپ، شەرقتە خىتاي مەدەنىيىتى، جەنۇبتا ھىندى مەدەنىيىتى، غەربتە بولسا، پارس مەدەنىيىتى ۋە گىرېك مەدەنىيىتى ئۆزئارا كېسىشكەن رايوننى ماكان تۇتقان. ئۇيغۇرلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەتلەرنى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان ۋە 16 – ئەسىردە يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسا، موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلاھ قىلىشىغىچە بولغان ئارىلقتا بارلىق تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مەتبەئە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قەغەز ياساپ، مەتبەئەچىلىكنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغان خەلقلەرنىڭ بىرى. بۇ نۇقتىنى توماس فرانسىس كارتېر ) Thomas Francis Carter ( ۋە ياسىن ھوشۇرنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن ئوچۇق چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن. شەرق – غەرب سودىسىنىڭ تومۇرى بولغان يىپەك يولىدا كۆپ خىل تىل بىلىش ۋە سودىغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇيغۇرلار چەك ۋە ھۆججەت ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان سودىگەرلەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرغان. 10 – ئەسىردە يولغا قويۇلغان بۇ ئىپتىدائى بانكىچىلىق سىستېمىسىغا، ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ سودا – سانائەت دۆلىتى بولغان گوللاندىيەمۇ 16 – ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن سازاۋەر بولالىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تىياتىر سەنئىتى ھەققىدىمۇ باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەسىلەن، ئۇيغۇلار «مائىترىسمىت » قاتارلىق بەزى ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئاللىبۇرۇن سەھنىلەشتۈرۈپ، سەھنە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، پەلسەپە، ئاستىرونومىيە، پالچىلىق، كالېندارچىلىق، رەسىم، گۈزەل سەنئەتلەر ۋە تېبابەت ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ياكى مۇزېيىلىرىدا ساقلانماقتا. بۇ تارىخىي ھۆججەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، 19 – ئەسىردە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ يۈكسېلىشىدىمۇ ئاساسىي مەنبە بولغان. مەشھۇر تۈركولوگ ئاننېمارىيا فون گابائىن خانىم ) Annemarie von Gabain ( يازغان «قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى » ناملىق كىتابتا پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭ 90 % ى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياۋرو – ئاسىيادا چىڭگىزخان ئىمپېراتورلۇقى، قۇبلاينىڭ يۈەن سۇلالىسى، باتۇخاننىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقى ۋە ھۇلاكۇنىڭ ئىلخانىلار ھاكىمىيىتىدە يۇقىرى مەنسەپلەردە خىزمەت قىلغان ۋە نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخقا ئىز قالدۇرغان. قىسقسىى، تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئاتا – بوۋىلىرى بار.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى قوغداش يولىدا ناھايىتى كۆپ بەدەللەرنى تۈلىگەن. خەن سۇلالىسى تارىخىنىڭ 70 – بابىدىكى چېڭ تاڭ تەزكىرىسىدە، « غەربىي ئەللەرنىڭ ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ زېمىنى » ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ 28 – بابىدىمۇ، «ۋۇۋېيدىن غەربكىچە بولغان ئەللەر ئەسلىدە ھۇن بەگلىرىنىڭ زېمىنى » ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بۇرۇندىن تارتىپ خىتاي ۋە خىتايغا تەھدىت سالغان تۈرك، موڭغۇل ۋە مانجۇلاردىن باشقا يەنە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى تالىشىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. خەن سۇلالىسى ئىمپېراتورى ۋۇدى )م.ب 87 – م.ب 140 ( ھۇنلارنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھۇنلارنىڭ ئوڭ قولىنى كىسىپ تاشلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشقان. تاڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورى تەيزۇڭ ) 649 – 627 ( مۇ كۆك تۈركلەرنىڭ بېسىمىغا قارشى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان. شەرقىي تۈركىستان ھەم شەرق بىلەن غەربنى بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ھەم بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان رايون بولغاچقا، ئەڭ كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ رايونغا كۆز تىكىپ كەلگەن. موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى. زامانىۋى دۆلەتلەر دەۋرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇھىم ئورنىنى يوقىتىپ قويماستىن، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈرەش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. 19 – ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا رۇسلار، ئىنگىلىزلار ۋە خىتايلار ئۆزئارا تەسىر دائىرىسىنى تالىشىپ تىركەشكەن، ھەتتا ئوسمانلى خەلىپىلىكىمۇ قىزىققان. 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەر بۇ رايوندا رىقابەتكە چۈشكەن. 1933 – يىلى 12 – نويابىردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئەشۇ كۈچلەر رول ئوينىغان. 1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىدى.
بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى يەنە يوقىتىپ قويمىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. يەنە كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مول تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسىياغا ئېچىلىشىدىمۇ كۆۋرۈك ۋە دەرۋازا بولۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. بۇ دەرۋازا تاقالسا ياكى كۆۋرۈك يىقىلسا، خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسىياغا ئېچىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ رەقىپ كۈچلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم رولغا ئىگە. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار، تارىختىكى مەدەنىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. شۇنداقلا ھەر نۇقتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
بۇ ئۇلۇغ ئەجداد ۋە مۇقەددەس ۋەتەنگە لايىقىدا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇيغۇر ۋە ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتالمايدىغان بۇرچىدۇر. «مېلى بارلار مېلى، كۈچى بارلار كۈچى، ئەقلى بارلار ئەقلى بىلەن تۆھپە قوشۇش » دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ روھى بويىچە، بىزمۇ كۈچىمىزگە يارىشا ئىش باشلىدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنى ژۇرنىلىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىمىز!

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ