ياۋروپادا تەخمىنەن مىڭ يىللارچە ھۆكۈم سۈرگەن زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدەخىرىستىيان روھى بىلەن چېركاۋلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى غەربتىكى ئوخشاشمىغان تىللارداسۆزلىشىدىغان ھەرقايسى ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ مىللىيەتلىك ئېڭىغا ئورۇن بەرمىگەنىدى.رۇم پاپاسىنىڭ چەكسىز ھوقۇقى، چېركاۋلارنىڭ مۇتلەق كونتروللىقى ھەمدە لاتىنتىلىنىڭ ھاكىملىق ئورنى خىرىستىيان ياۋروپاسىدا تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېتنىكتوپلۇقلار ۋە مىللىي چېگرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ كەلگەنىدى.قەدىمكى يۇنان تارىخىدا يۈز بەرگەن يۇنان – ترويا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى يۇنانلىقلارنىڭمىللىي ئار – نومۇس روھى ۋە مىللىي مەنپەئەت تۇيغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.ھالبۇكى، ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىيان ياۋروپاسى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدايۈز بەرگەن بەش قېتىملىق ئەھلى – سەلپ ئۇرۇشىنى قانداقتۇر ياۋروپا بىلەن ئاسىيادىكىمەلۇم ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي توقۇنىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى چوڭ دىننىڭ مەنپەئەتتوقۇنىشى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. خىرىستىيان ياۋروپاسىنىڭ ئۇزاق ئوتتۇرا ئەسىرتارىخىدا شەرقتە زور گۈللىنىشكە ئېرىشكەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا قارشى بىرلەشمەئارمىيە تەشكىللەپ، بەش قېتىملىق ئەھلى – سەلب ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىغا ئۇلارنىڭئورتاق خىرىستىيان ئېتىقادى ۋە ياۋروپا روھى تۈرتكە بولغانىدى. شەرقتىكى تۈرلۈكتىللاردا سۆزلىشىپ ئوخشاشمىغان ئەللەردە ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئەرەب- ئىسلام ئىمپىرىيەسى گەۋدىسىگە ئۇيۇشۇپ غايەت زور كۈچ سۈپىتىدە ياۋروپا ئەھلى -سەلب ئارمىيەسىنى ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇب قىلىشىمۇ ئوخشاشلا ئىسلام ئېتىقادى ۋەدىنىي روھىنىڭ قۇدرىتىدىن بولغانىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ