خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ)، شاڭخەي شەھىرىدە ئېنتېرناتسىيونال تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ۋە 12 ۋەكىلنىڭ)جەمئىي ئەزا 57 ( قاتنىشىشى بىلەن 1921 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا مەخپىي قۇرۇلدى. 1927 – يىلىغا كەلگەندە قوراللىق كۈرەش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ پارتىيە ئىچىدە «بۆلۈنۈش » پەيدا بولدى. خ ك پ، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى)گومىنداڭ( نىڭ بېسىمى ۋە ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يار بېرىشى ۋە مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك 1945 – يىلدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قازاندى. ئاخىرىدا 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت كۈچىنى ۋە تارىخىي ۋەزىپىسىنى خەلقتىن ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگودا ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئالمىشىدىغان بولدى. – 1921 يىلىدىن بېرى 18 قېتىم قۇرۇلتاي ئېچىلدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ