1917- يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى –كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى پەرغانە ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىغان ئىدى.
پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئەسلى كۆچۈپ چىققان رايونى قەشقەرىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئادەتتە يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن قەشقەرلىكلەر دەپ ئاتالغان. يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى ئىلى تەرەپتىن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلار ئۇلارنى تارانچىلار دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار سوۋېت رۇسىيىسىدىكى سىياسىي، ئىتجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەردىن ئورۇن ئالدى ھەمدە سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسىمىدا يۈز بەرگەن بارلىق سىياسىي – ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ