يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ بېكىنمىچىلىكى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى قاششاقلىق ۋە روھىي چۈشكۈنلۈك مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر يۇرتىنى دۇنياغا ناتونۇش قىلىۋەتتى. قازاق زىيالىيسى چۇقان ۋەلىخانوف جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن ئۇيغۇر يۇرتىغا كېلىپ توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رۇسچە ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن دۇنياغا بىلدۈردى. ئۆزىمۇ شەرقشۇناس ئاتىلىپ پايدا تاپتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرخىل ۋەزىپە، ئوخشاش بولمىغان مەقسەتلەر بىلەن كەلگەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئايىغى ئۇيغۇر يۇرتىدىن ئۈزۈلمىدى. ئۇلارنىڭ نىيىتى باشقا بولغاچقا، ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ئىزلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق مەدەنىي ۋە ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلەلمىدى.
19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تاتارلار قوزغىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى روھىي چۈشكۈنلۈككە قالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئورتا ئاسىيادىكى زىيالىيلار جەدىدچىلىك ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ، مەدەنىيەت، ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىلگىرىلەشنىڭ تەييارلىقىغا ئۆتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار نەزىرىنى ئۇنتۇلۇپ كېتەي دەپ قالغان ئۇيغۇر يۇرتىغا تىكىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىق ساھەلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئۆتتى. بۇنىڭ بىرسى ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى ئويغانغان ئادەم – نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف، يەنە بىرسى تاتار مۇخبىر- نۇشىرۋان يائۇشېف ئىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ