مودېرنىزم، مودېرنلىشىش، زامانىيۋىلىشىش ۋەياكى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۇقۇملىرىنىڭ دۇنيا ئۇچۇر سەھنىلىرى، مەدەنىيەت مۇنبەرلىرىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى. بۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار بىر قىسىم ئەللەردە قېلىپلىشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىلمىي ساھەنىڭ ئىستىمال مۇنبىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئورۇن ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، بىزدىكى مەلۇم ئىدېئولوگىيەلىك بېسىم دۇنيادىكى ئىدىيە سىستېمىلىرى ئۈستىدە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەھلىل قىلىش ھوقۇقىمىزنى چەتكە قاقتى. شۇنداقتىمۇ مودېرنىزم ۋە پوست مودېرنىزم، دېگەندەك ئۇقۇملار بىز ئۈچۈن يەنىلا قىزىق تېمىلاردىن بىرى بولسا كېرەك.
تارىخ، ئۇچۇر دەۋرىنى ھالقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت پەن- تېخنىكىنى، ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ يۈكسىلىشى جەھەتتە مىسلىسىز ئويغىنىش ھادىسىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە بۇ جەرياندا تەسەۋۋۇرىمىزىكىدىن ئارتۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. لېكىن بۇ جەرياندا ئىنسانلار قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان بەزى پۇرسەتلەر، ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈۋاتقان خاتالىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ ھەم شۇنداق.
ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى مودېرنلىشىشنىڭ غايىسى نېمە ئىدى؟ يەتمەكچى بولغان نىشان ۋە مەقسەتلەر ھاسىل بولدىمۇ يوق؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولسا كېرەك. ئالىملار، 19 – 20 – ئەسىرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق دەۋر بولغانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ 21 – ئەسىر ئىنسانلىرىنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرەر جاۋابى بارمۇ؟
بۇ دەۋردە بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، ئېتنىك ياكى مىللىي گۇرۇھلار قۇرال- ياراق ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەرەققىيات كۈچىنىڭ سايىسىدا بەزى ئېتنىك، دىنى، مىللىي دۆلەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمىنى مۇستەھكەملەپ بارماقتا ۋە مۇستەملىكىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئاجىز دۆلەت ياكى مىللەتلەرگە «ئاتىدارچىلىق » قىلماقتا. بەزى رايونلاردا يېڭى مۇستەملىكە ساھەسى ئېچىش ئۈچۈن «يەرلىك » خەلققە قولىدىن كېلىشىچە «ياردەم » بېرىۋاتماقتا. كېلەچەكتىكى تەلەپلىرىنى ئالدىن ھەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىنئالا يېڭى پىكىر ئېقىملىرى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ جەھەتتە ئەڭ جانلىق خىزمەت قىلىۋاتقىنى يەنىلا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلار ۋە مېدىيا ۋاسىتىلىرى بولماقتا. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا شارائىتىدا بىزگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىيەلمەيۋاتقان مىللەتلەرنىڭ كېلەچىكى نېمە بولماقچى؟ ھەمىشە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش ۋە باشقىلارنىڭ «لېكسىيە » لىرىنى ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەمدۇق؟
ئەلۋەتتە، بۇ خىل سوئاللارنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك جاۋابى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئالدى بىلەن مىڭلارچە يىللىق ئۆتمۈشىمىزنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ چىقىشىمىزغا ۋە بۈگۈننىڭ شارائىتىدا بىز بىلەن ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز مۇناسىۋىتى بار بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ھالدا ئىگىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن كەلگۈسىمىز ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە بىزنى نەتىجىگە ئىگە قىلىدىغان بىر ھەرىكەت پىلانىدىن سۆز ئېچىش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. بۇنىڭ يولى ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن توسالغۇسىز مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن باشلىنىدۇ. مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ئامىلى، ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلاردىن شەكىللەنگەن تىلدۇر. مانا بۇ باسقۇچتا بىز ئىنسانلىق نامىمىزنى يېڭىدىن تىكلەشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى قۇرۇپ چىقالايمىز. بۇ باسقۇچتا مۇھىم بىر مەسىلە كىملىكىمىزنى، ئېھتىياجلىرىمىزنى، نىشانىمىزنى ۋە نىشانغا يېتىشتە ماڭماقچى بولغان يولىمىزنى تاللىۋېلىشىمىزنىڭ لازىملىقىدا ياتىدۇ. بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ شوپۇرى كىم، ئەتراپىمىزدا كىملەر ئولتۇرۇپتۇ ۋە نەگە قاراپ كېتىۋاتىمىز؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابى باشتىنلا ئېنىق بولۇشى كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ