ئىستىمال جەمئىيىتى تەبىرى غەربتە سانائەتلىشىشتىن كېيىنكى جەمئىيەت شەكلىنى ئىزاھلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان تەلەپ – تەمىنلەش تەڭپۇڭلۇقى كاپىتالىستلارنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ھەر خىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىدى، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىستېمال قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار سىناق قىلىنىشقا باشلىدى.
بۇ يوللارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى، ئەلۋەتتە. يېزىق ۋە كۆرۈنۈشلۈك مەتبۇئات )تېلېۋىزور( بىلەن بىرلىكتە يېقىنقى يىللاردا بۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئىنتېرنېت، ئىستېمال جەمئىيىتىنى مونوپۇل قىلىشتا، يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاساسلىق ۋاسىتىلەردىن بىرى.
ئىنساننىڭ بىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى زۆرۈر ئىستېمال بۇيۇملىرىغا مۇھتاج. شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېمال قىلماستىن ياشاش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا ياراتقۇچىمىز ۋەھىيىنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇللۇق ئىمتىھانى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىشىنى چەكلىگەن قان، قالدۇق جەسەت ۋە چوشقا گۆشى قاتارلىقلارنىمۇ مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەھۋاللاردا جاننى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن يىيىلىشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا تۇرالغۇ جاي سېلىش، كىيىنىش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئەڭ نورمال ئېھتىياجلىرىمىزمۇ بار. ئىنسان بۇ خىل ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ