ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، جەمئىيەت ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ مەنبەسى ۋە خەلقىمىزنىڭ خاتىرىسى. تارىخنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۇنجى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ رەسمىي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان گوڭ زىجېن (1841 – 1972): «بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇ مىللەتنى يوقىتىش مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلار تارىختا ئىز قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ۋە تارىخى يېزىلىپلا تۇرىدىكەن مەڭگۈ يوقالمايدۇ. ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋە تارىخچىسى جورج سېينتىسبۇرگ (1933 – 1845) نىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، تارىخچىلار يالغان سۆزلىيەلىسىمۇ، تارىخ يالغان سۆزلىيەلمەيدۇ.
قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ۋە مۇتەپەككۇرى سۇسىيدىدېس (مىلادىدىن بۇرۇنقى400 – 460) تارىخنىڭ فۇنكسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تارىخ پەقەت تەكرارلىنىشتىنلا ئىبارەت. ئۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆز ئەينىسى بولۇپ، يەنە قايتا يۈز بەرمەيدۇ. شەكىل جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، زامان ۋە ماكان تۈپتىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىماسلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تارىخنى باشقا ئىلىملەرگە ئوخشاش، سىناق قىلغىلى ۋە كۆزەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەر بۈگۈنكىلەرنى تەجرىبە – ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ.» ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن تەجرىبە – ساۋاق يەكۈنلىشى ئۈچۈن ھەم تارىخى تولۇق يېزىلغان بولۇشى ھەمدە تارىخىي ئېڭى بولۇشى لازىم.
گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل (1831 – 1770) ئىنسان نەسلىنىڭ تارىختىن تەجرىبە – ساۋاق ئالمىغانلىقىنى تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن بايان قىلىدۇ: «تارىختىن چىقارغان خۇلاسىمىز شۇكى، كىشىلەر تارىختىن ھېچقانداق تەجرىبە – ساۋاق ئالمايدۇ.» فىرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق سىياسىيونلىرىدىن بىرى بولغان ناپالېئون بوناپارت (1821 – 1769) مۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ: «خاتالىقلىرىدىن تەجرىبە – ساۋاق ئېلىشنى بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ غەلىبە يولى ناھايىتى يىراقلاردا بولىدۇ.» ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سېرۋانتىس «دونكخوت» ناملىق رومانىدا: «تارىخ ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۆتمۈشنىڭ ئامبىرى، ئۆتمۈشكە گۇۋاھلىق قىلىش بىلەن بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە – ساۋاق چىقىرالايدۇ، كېلەچەك ئۈچۈن بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە» دەيدۇ. تارىختىن تەجرىبە – ساۋاق ئالمىغان خەلق ھەر دائىم قىلغان خاتالىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق خەلقلەرنىڭ تارىخىي ھادىسىلەردىن توغرا كۆز قاراش، ئىدىيە ۋە كۆپ تەرەپلىك كۆزىتىش ھەمدە كېلەچەككە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئاڭغا ئىگە بولۇشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ. ئەنگلىيە تارىخچىسى توماس فۇللېر (1661 – 1608) مۇ «كېلەچەكنى بىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشكە مۇراجىئەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.» شوتلاندىيەنىڭ رومان يازغۇچىسى روبىرت لۇئىس ئىستېۋېنسون (1894 – 1850) بولسا، «بۈگۈنگە تۇتاشقان يولنى بىلگەنلەر، كېلەچەك ئۈچۈن ئېنىق ۋە ئاقىلانە پىلان تۈزەلەيدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئامېرىكىلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇر رالف ۋولدو ئېمېرسون (1882 -1803) مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىيات بۈگۈننىڭ پائالىيىتى ۋە ئەتىنىڭ تەمىناتى.»
بىر مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ، ھەتتا ئىنسان نەسلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر، «تارىخىي شەخسلەر» دەپ قارىلىدۇ. تارىخ ئادەم بالىسىنى يەرمۇ قىلىدۇ ھەم ئەرمۇ قىلىدۇ. ئەمما، تارىخىي باسقۇچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە تارىخ ئېقىشىنى ئۆزگەرتكەن ياكى يۆنىلىشنى بەلگىلىگەنلەر تارىخىي شەخسلەردۇر. يەنى، كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي شەخسلىرىنىڭ پۈتۈن قىلغان – ئەتكەنلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش شەكىلدە، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر، ئۆتمۈشتىكى تارىخىي ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىش كېرەك. بۇنىڭ بىرىنچىسى، بۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى، بەزىدە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن. ھەتتا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقىنىغا ئوخشاش، مىللەتنىڭ يوقۇلىشىغىمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، تارىخىي شەخسكە باھا بېرىش، دەۋرىمىزدە ياشاۋاتقان تارىخىي شەخسلەرنى تەجرىبە – ساۋاققا ئىگە قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچىنچىسى، تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىش ئارقىلىق خەلقنى تەربىيەگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، ياكى خەلقنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەنگلىيە تارىخچىسى خېنرىي س.ت جون (1751 – 1678) نىڭ دېگىنى بويىچە ئېيتقاندا، تارىخ مىساللار ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەيدىغان پەلسەپەدۇر.
ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، «ئۇ شەخس ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي باسقۇچىدىكى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدىمۇ؟ ياكى ھەسسە قوشتىمۇ؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىشىمىز بولۇشى لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي شەخسلەرنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكى، سىياسىي ھەق – ھوقۇقلىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىقتىسادىنى قوغداشتا رولى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان تارىخىي شەخسلەر، ئۇيغۇر تارىخىدا داۋاملىق ياد ئېتىلىدۇ ۋە ئۈلگە بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، سەلبىي ئۈلگە بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىنىڭ تالانتلىق، ياخشى خاراكتېرلىك ، پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن ساغلام، ئىرادىلىك، سۈپەتلىك ۋە پىداكىرانە بولۇشى تەلەپ قىلىنماقتا. ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرى خەلقىمىزنىڭ ئۈلگىلىك كىشىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ سىمۋولى ۋە ۋاكالەتچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تارىخىي شەخسلەر ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق قىممەت قازىنىدۇ. ئاۋسترىيەلىك پىسخولوگىيە ئالىمى ئالفرېد ۋ. ئادلېر (1870 – 1937) نىڭ دېگىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى پەقەت جەمئىيەتكە پايدىلىق بولغاندىلا ئاندىن قىممەتلىك بولىدۇ.
تارىخىي باسقۇچنىڭ بەزى مەزگىللىرىدە تارىخىي شەخسلەرنىڭ تۆھپىلىرىگە مۇسبەت باھا بېرىلسە، كېيىنكى مەزگىللەردە مەنپىي باھا بېرىلىشى؛ ئۆتمۈشتە توغرا بولغانلار بۈگۈن توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، توغرىلىق ۋە خاتالىق بىر قىممەت بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تارىخ تەرەققىياتى بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا، تارىخچىلار تارىخىي شەخسكە باھا بەرگەندە، تارىخىي شەخس ياشىغان دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شەرتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىت ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش دائىرىسىدە باھا بېرىشى كېرەك. تارىخچىلار تارىخىي شەخسكە باھا بەرگەن ۋاقىتتا، ئوبيېكتىپ ۋە بىتەرەپ تۇرۇشى شەرت.
قىممەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، بىز ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاڭغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر شەخسلىرىگە باھا بېرىشكە ئورۇن ئاجرىتىمىز. ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ۋە زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى كۈتىمىز.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ