بېشى ئالدىنقى ساندا

ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، ئۆز پىلانلىرى بويىچە جىددىي خىزمەتلەرگە كىرىشىپ، تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى پەرغانىلىق ۋە يەتتەسۇلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بىراق، تەشكىلات رەئىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف تەشكىلات قۇرۇلۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈركىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئالمۇتىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلىپ، يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش بىلەن ئۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتىكى مەركىزىدە تۇرۇپ، خىزمەتلەرگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلالماي قالدى. ئەمما، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تەشكىلات ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. ئەمما، ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرىنىڭ رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ تۈركىستان كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى يا. رۇدزۇتاك تەييارلىغان قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدە قۇرۇلماقچى بولغان ئىككى جۇمھۇرىيەت لايىھەسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلىشى بىلەن باغلىق ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خەۋەرسىز قالغان ئىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ