بۇرھان ( 1894-1989 ) ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرىن، شېڭ شىسەي، سوۋېتلار ئىتتىپاقى، مىللەتچى چىن ۋە كوممۇنىست چىندىن ئىبارەت ئالتە ھۆكۈمەتنىڭ « ئىلتىپاتى »غا ئېرىشەلىگەن، 1949 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تىنچلىق بىلەن كوممۇنىست چىننىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن شەخس. ئۇيغۇرلارنىڭ 77 يىللىق تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇرھان ھاياتىدا ئۈچ قېتىم تەرجىمىھالىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆلكە رەئىسى، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىرنەچچە ئېنىستۇتنىڭ مۇدىرى بولۇشتەك بىر قاتار مۇھىم مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكەن. ئېقىپ يۈرگەن لۇغەت – قامۇسلاردا يېزىلغان تەرجىمىھاللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇرھان 1894 – يىلى قازاننىڭ تېتىش ناھىيەسى – ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1907 – يىلى مەھمۇدىيە مەدرىسىسىگە كىرگەن. 1909 يىلى كىتابخانىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. 1911 – يىلى ئىسمائىل ھاجىنىڭ قولىدا ئىشلىگەن، 1912 – يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن، 1914 – يىلى چىن پۇقرالىقىغا – ئۆتكەن، ياڭ زېڭشىن 1921 . چۆچەككە باج مەمۇرىلىقىغا تەيىنلىگەن، 1922 يىلى ئات فېرمىسىنىڭ ھەيئىتى، 1925 – يىلى ماشىنا شىركىتىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. جىن شۇرېن 1929 – يىلى گېرمانىيەگە قورال – ياراغ سېتىۋېلىشقا – ئەۋەتكەن. 1930 – يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. شېڭ شىسەي 1933 يىلى ئالتايغا ئەۋەتكەن، 1937 – يىلى زايساندا تۇرۇشلۇق كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن. -1938 يىلى تۈرمىگە تاشلىنىپ 1944 – يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1946 – يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1949 – يىلى بىرىنچى – ئايدا ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1955 – يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە، 1955 يىلىدىن 1966 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېيجىڭدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1966 – يىلى ئۈرۈمچىگە قوغلانغان، 1977 – يىلى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېيجىڭدا تۇرغان. بۇرھان ھاياتىدا زىيالىي، شىركەت مۇدىرى، سىياسىيون، مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇشتەك كۆپ خىل سېما بىلەن كۆرۈنۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى سېھىرلىيەلىگەن شەخس.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ