19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە قازان ۋە قىرىم تاتارلىرىدىن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ئورتا ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىدا زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. ئىجتىمائىي ئىسلاھات، مەرىپەتچىلىك، مىللىي ئاڭ، ھازىرقى زامان مائارىپى ھەمدە تەرەققىيات قاتارلىق ئاكتىۋال تېمىلار ئورتا ئاسىيادىكى يېڭى ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ، بولۇپمۇ مىللەت سەرخىللىرىنىڭ تۈپ غايىسى بولۇپ قالدى. ئىسمائىل غاسپىرالى تۇنجى مەشئىلىنى كۆتۈرگەن جەدىدچىلىك – يېڭىلاش ھەرىكىتى قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچاسارايدىن ھالقىپ چىقىپ ناھايىتى تېزلىكتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئىنكاس پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا، كاۋكاز ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدا ھەمدە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئالاھىدە تەسىر پەيدا قىلدى. ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ دىلدا، پىكىردە، ئىشتا ۋە تىلدا بىرلىك دېگەن مەشھۇر غايىسى 1883 -يىلىدىن باشلاپ ئۆزى مۇھەررىرلىك قىلىپ چىقىرىشقا باشلىغان تەرجۈمەن ناملىق گېزىت ئارقىلىق پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا، بولۇپمۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەرقايسى ئەل ۋە رايونلاردا ياشاۋاتقان تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىل ۋە ئىملا يارىتىش؛ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەنئەنىۋىي مەدرىس مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش، ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسى ھەمدە يېڭى مائارىپىنى يولغا قويۇش » ئۇسۇلى – جەدىد « ئىلىملىرىنى ئۆگىنىش؛ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىلىرى جىددىي رەۋىشتە تەشۋىق قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئىسمائىل غاسپىرالى باشچىلىقىدىكى تاتار جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىلىرى پۈتكۈل رۇسىيەدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ھەرقايسى ئەل-رايونلاردىكى مۇسۇلمان جامائەتچىلىكى ئارىسىدىمۇ زور تەسىرلەرنى قوزغىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ