ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى 2011 – يىلى 22 – ئىيۇن ئافغانىستاندىكى ئىشغالچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. قارار بويىچە، 2011 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ ئەسكىرىنى، 2012 – يىلى سېنتەبىر ئېيىغىچە 23 مىڭ ئەسكىرىنى، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولسا، بارلىق مۇداپىئە قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان. بۇ قاراردىن كېيىن، ئافغانىستاندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە يېڭىدىن شەكىللىنىش باسقۇچى تېزلەشتى. رايوندىكى دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان بوشلۇققا قارىتا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بەزىلەرنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئافغانىستان بىخەتەر بىر مۇھىتتا قايتىدىن تەشكىللىنىش باسقۇچلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ ۋە رايوندا مۇقىملىق ئىشقا ئاشىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا بولسا، ئامېرىكا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپ چېكىنىدۇ.) نەتىجىدە )) ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى )ناتو( قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، كابۇل ھۆكۈمىتى ئىچكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىلىغا ئەڭ ئاز دېگەندە 5 مىليارد دوللار سەرپ قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، كابۇلنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرى قەدەم – باسقۇچلۇق ھالدا چېكىنگەندىن كېيىن، ھازىرمۇ تەسىر كۈچىنى يوقاتمىغان تالىبان ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن؛ ناتونىڭ قاتناش ۋە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمى بولماي تۇرۇپ، ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئافغانىستاندا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان جەمئىيەت خاراكتېرلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىن.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ