بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلۈۋاتقان يەر مۇسۇلمانلار دۇنياسىدۇر. تۇنىستىن مىسىر ۋە سۇرىيەگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىلغار ۋە ئوتتۇرا قاتلام مۇسۇلمانلار، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈمىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئاكتىپ خەلق ھەرىكەتلىرى قوزغاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە. بۇ مۇسۇلمانلار دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە قارشى چىقماقتا ۋە باراۋەرلىك ھۆكۈم سۈرگەن مۇقىم ۋە باياشات جەمئىيەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلماقتا. لېكىن، يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار كۆزلەنگەن نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمىدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر مۇددەت داۋام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرىلەش بىلەن چېكىنىش باسقۇچلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. مەزكۇر باسقۇچ ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىي قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستانمۇ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە نېسىۋىسىنى ئېلىشى مۇمكىن.
19 – ئەسىردىن بويان، غەرب مەركەزلىك قىممەت – قاراشلار ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە خاس تۈزۈم ۋە سىستېما تاپالمىغان ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار غەربنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمان توپلۇقلارنىڭ مودېرنلىشىشى ئۈچۈن ئىدىيە ئىزدەشكە ئاتلاندى؛ ئوخشاشلا، مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ غەرب مەنبەلىك دۆلەت ئۇقۇمىغا ماس سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت يارىتىشقا تىرىشتى. لېكىن، مەزكۇر ئىدىيەلەر ۋە تۈزۈلمە ئۇسۇللىرى نە ئىسلامىي قىممەت – قاراشلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنى، نە سېكۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى.
ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تۈزۈمىدىن كېيىن بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تۈزۈمىمۇ يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈمى ۋە سىياسىي كۈچ مۇۋازىنەتلىرى قايتىدىن شەكىللىنىش يولىغا قەدەم تاشلىماقتا. مۇسۇلمان توپلۇقلار بىر تۈزۈلمە ئۆزگىرىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىسلامىي قىممەت – قاراشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا ماس شۇنداقلا ئاشقۇنلۇق يولىنى تۇتمايدىغان يېڭى ئىدىيە بىلەن ھاكىمىيەت ئۇقۇمىنى مەزمۇنغا ئىگە قىلىشى شەرت بولۇپ قالماقتا. نەتىجىدە، ئاللاھ بۇ دۇنيانى ئۆلچەملىك ياراتقاندۇر. بۇ يېڭى تۈزۈم چۈشەنچىسى ۋە پىكرى بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەر لايىق بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار مۇقىم، باياشات، ئادىل ۋە باراۋەر ۋەزىيەتتە ھايات كەچۈرۈشنى نىشان قىلىشى لازىم. بۇنى بارلىق ئىنسانىيەت بىلەنمۇ ئورتاقلىشىشى كېرەك.
يېڭى ئىدىيە يارىتىش ئۈچۈن ئىلىمگە ئېھتىياج بار.
تارىختا ئىسلام دۆلەت ۋە جەمئىيەتلىرىدە ئەڭ باشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خەلىپىلەر بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھېچقانداق ئايرىمىچىلىق قىلماستىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنى قوللىغانلىقى ۋە ئىلىم سۆيەرلەر ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.
بۇ نۇقتىدا ماۋەردى (974-1058) نىڭ ئېيتقىنىدەك، دۆلەت باشلىقلىرى ئىلىم ئىگىسى بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئاساسىمۇ ئىلىم ۋە ئادالەت ئۈستىگە بەرپا قىلىنىشى لازىم. ماۋەردىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىلىم ئەھلىلىرى ھاكىمىيەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ۋە مۇكاپات بېرىلمەكتە ئىدى. ئىلىم ئىگىلەشكە رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىنى تەشكىل قىلغانىدى. لېكىن، ئىلىم – مەرىپەتنى قوللاش ۋە ئىلىم ئىگىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئاقسىتىپ قويۇلۇشى ۋە كېسىپ تاشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئېغىش ۋە خۇراپىيلىشىش تەرەپكە يۈزلەنگەنىدى. بۇ جەرياننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان غەرب مەدەنىيىتى گۈللىنىشكە يۈزلەنگەنىدى.
ئىلىم – مەرىپەتنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئىسلامىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشى بىلەن بىرلىكتە رايوندا يېڭى بىر دەۋر باشلانغانىدى. ئابباسىي دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى ئىلىم – مەرىپەتنى قوللايتتى ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرەتتى. 8- ئەسىردىن ئېتىبارەن كۆپ ساندىكى پارسچە ئەسەرلەر ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، پارس كۈلتۈرىنىڭ ئىسلامىيلىشىشىغا يول ئاچتى. ئىلىم – ئېرپان پائالىيەتلىرى سامانىيلار دۆلىتى (874-999)، غەزنەۋىيلەر دۆلىتى (874-999) ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىدىمۇ ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىلمىي مەھسۇلاتلىرى روياپقا چىققانىدى. ئەينى ۋاقىتتا، تۈرك تىللىرىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ شۇ مەزگىلدە سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنىدى.
نەتىجىدە ئۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى رايوندا يېڭى بىر مەدەنىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى. مەسىلەن، ئۇ دەۋردە مۇھەممەد ئەلبۇخارى (810-869)، ئاسترونوم ئەبۇ مۇھەممەد ھامىد ئەلخوجەندى (10- ئەسىر)، تېۋىپ ۋە ماتېماتىكا ئالىمى ئەلبەلخى (850-934)، پەيلاسوپ فارابى (870-950)، ئالىم ئىبنى سىنا (980-1037)، ئالىم ئەلبىرۇنى (973-1048)، جۇغراپىيە ئالىمى ئەبۇ سەئىد گاردەزى (؟-1061)، سىياسىيشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1017-1077)، تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى (1008-1105) ۋە بۇنىڭدىن باشقا مۇھەممەد رۇداقى، ئەبۇ مەنسۇر دەقىقى (؟-977)، ئەبۇ سۇقۇر بەلخى (؟-915) ۋە ھەسەن كىسائى (953-1002) غا ئوخشاش تاجىك ئەدەبىياتچىلارمۇ بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بۇ مەدەنىيەت ھاۋزىسىدىن نېسىۋىسىنى ئېلىپ، گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى.
مەدەنىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ نېگىزىدە ئىلىم ياتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم ئېلىش ئەر – ئايال بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر» دەپ ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنىدى. يەنە پەيغەمبىرىمىز «ھەر نەرسىنىڭ بىر يولى بار؛ جەننەتنىڭ يولى ئىلىمدۇر» دېيىش ئارقىلىق ئىلىمنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى قەيت قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ئەھلىلىرىنىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇنغا قوياتتى: «قىيامەت كۈنى ئالىملارنىڭ سىياھى شېھىتلەرنىڭ قېنى بىلەن تارتىلىدۇ.»
ئىنگلىز پەيلاسوپ فرانسىس بىكون (1561-1626) ‹ئىلىم كۈچتۇر› دېگەنىدى. نۆۋەتتە پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئاسان بولسىمۇ، ئۇ مەلۇمات ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ئىدىيە يارىتىش ئاسان ئەمەس. ئەنگلىيەلىك مۇتەپەككۇر Isaiah Berlin (1909-1997)، ئىدىيە نە ۋاكۇئۇم ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ نە جىنسسىز كۆپەيمەيدۇ، دېگەنىدى. يەنى تەپەككۇر ئىلىم ئۈستىگە ئىنشا قىلىنىدۇ. ئۇ ئانالىز، بىرىكتۈرۈش، تۈرلەرگە ئايرىش ۋە خۇلاسە چىقىرىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئىدىيەگە ئايلىنىشى مۇمكىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەپەككۇرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «بىر ئانلىق تەپەككۇر مىڭ يىللىق نەپلە ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر.» ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ «ئىلىمسىز قىلىنغان ئىبادەتتە، ئۈنۈمسىز ئىلىمدە، تەپەككۇر قىلىش تۈرتكە بولمايدىغان قۇرئان ئوقۇشتا ياخشىلىق يوقتۇر» دېگەنىدى.
خۇلاسىلىگەندە، ئىلىمگە ئىگە بولغاندا ئىدىيەگە، ئىدىيەگە ئىگە بولغاندا يىراقنى كۆرۈشكە، يىراقنى كۆرۈشكە ئىگە بولغاندا كېلەچەككە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىچە، «ئىلىم بىلەن تىرىلگەن ئۆلمەيدۇ.» ئۇيغۇرلارمۇ ئىلىم ئارقىلىق تىرىلىشى، ئىلىم ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە دۇنياۋى ئىدىيە يارىتىش ئارقىلىق تارىختىكىگە ئوخشاشلا ئىنسانىيەتكە ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ