ئىسلام ئەقىدىسىدە ھاياتلىق ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھاياتتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنساننى يوقلۇقتىن بار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىككى ئالەملىك بىر ھايات ئاتا قىلغان. بىز ھازىر ئىچىدە ياشاۋاتقان دۇنيا ھاياتى، كەلگۈسىدە بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئەبەدىي ھاياتنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ھاياتىدا ئىنسانلارنىڭ ئەبەدىي خۇشاللىقنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن كېرەك بولغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر تەق قىلىنغان. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەخت – سائادەت يولىدىن ئاداشماسلىقى ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي باسقۇچتا، نۇرغۇن يولباشچى ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ ئەلچىلەر ئىنسانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، يامان ئىشلاردىن توسقان. ئۇلار بۇ جەرياندا بىۋاسىتە ئۈلگە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك )ئەلچىلىك( ۋەزىپىسىنى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان بىلەن تاماملىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلەر ۋە ساھابىلەردىن كېيىنكى نەسىل ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشقان ۋە بۇ كىتابنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغان. چۈنكى قۇرئاننى ئومۇملاشتۇرۇش، پەقەت ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. دەرۋەقە ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئىشىنىمىزكى، بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلار تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق باشلانغان كۈندىن باشلاپ قىيامەت كۈنىگىچە دۇنياغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق نىزامى قۇرئان كەرىمگە مۇجەسسەملەنگەن. دېمەك، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى بۇ كىتابنىڭ روھىغا ماسلاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ قۇرئانى كەرىمنى چۈشىنىشكە بولغان ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارماقتا. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە تەرجىمە ۋە تەپسىر پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلماقتا. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ، قۇرئان تەرجىمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى كۆز قاراشلار ئۆتمۈشتىكىدىن پەرقلىق ھالدا يېڭى ئېقىملارنى شەكىللەندۈرمەكتە. تىلنىڭ قۇرۇلمىسى، تەپسىرچىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، ياشىغان دەۋرىنىڭ شەرت – شارائىتى ۋە تەپسىرچىنىڭ ياقىلىغان مېتودى بۇ ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يەردە شۇ نۇقتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەسەرلەر ۋە ئوتتۇرىدىكى پەرقلىق كۆز قاراشلارغا، قارىمۇ قارشىلىق نۇقتىئىنەزىرىدىن ئەمەس، بەلكى قۇرئان كۈلتۈر خەزىنىسىنىڭ ئىلمىي بايلىقلىرى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .
بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە بىر قاتار ئىجابىي نەتىجىلەرنى روياپقا چىقارغان بولسىمۇ، بىر قىسىم پىكىر ئېقىملىرى قۇرئاننىڭ ئىلاھى كىتاب ئىكەنلىكىگە شەك چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپلىرىنى ئېتىبارسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىسلام چەمبىرى ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئىجتىھات خاتالىقى بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى يامان نىيەتنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرماقتا. ئىككىنچى تۈردىكى مەھسۇللار ئادەتتە مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر ياكى ئىسلام دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جەمئىيىتىمىزدە بىلىم سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكلىكى ياكى تەتقىقات مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى ۋەياكى قاراشلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ » مۇھەممەدنىڭ سۆزى « تەتقىقاتچىلار قۇرئاننى ئاساسسىز بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئاشكارا ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە بىر ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ۋە تەتقىقاتىدا توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ھەر بىر تەتقىقاتچى ئالدى بىلەن كونا كۆز قاراشلىرىدىن ئازاد بولۇشى، ئاندىن ئوچۇق زېھنى بىلەن، مەزكۇر ساھەنىڭ مۆتىۋەر مەنبەلىرى ۋە تەتقىقات پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئۇسۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات ئادىل بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىلىمغا ئۆز ئۇسۇلى ۋە مەنبەسى دائىرىسىدە باھا بېرىلىشى كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ