2010-يىلى 17–دېكابىر كۈنى تۇنىستا مۇھەممەد بۇئازىزى(2011.10.04 1984.03.29) ئىسىملىك يايمىچىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ، ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش – ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدە تۇنىس خەلقىنىڭ قوزغىلىپ چىقىشى نەتىجىسىدە 23 يىلدىن بۇيان دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان زەينەل ئابىدىن بىن ئەلى دۆلىتىنى تاشلاپ قېچىشىقا مەجبۇر بولدى. تۇنىستىكى بۇ ۋەقە، زەنجىرىسىمان تەسىر پەيدا قىلىپ، مىسىر، لىۋىيە، سۈرىيە، بەھرەين، ئالجىرىيە، ئىيوردانىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش، يىغىلىش، ئىسيان ۋە ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. نامايىشلار ئەرەب دۇنياسىدا ئاساسلىقى ئىشسىزلىق، يېمەك – ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، سىياسىي مۇستەبىتلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، چىرىكلىك ۋە ناچار تۇرمۇش شارائىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇ مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېسىمى، ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ئەرەب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئىچكى مەسىلىلەر )ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش( ۋە توقۇنۇشلار )سۈننىي – شىئە، مۇسۇلمان – رادىكال مۇسۇلمان( بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇن رايونغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر يەنە، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ يېقىنقى 500 يىلدىن بېرى بارغانسېرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئويغىنىشنىڭ سىگنالى بولۇپ قالدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ