1996- يىلى چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۆرە ئوبرازى نەقىشلەنگەن بىر ياغاچ قۇتا تېپىلغان. كەڭلىكى 13.5 س م، ئېگىزلىكى 4.5 س م، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرى 5 -ئەسىر. بۇ مەدەنىي يادىكارلىق ھازىر ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
بۇ بۆرە ئوبرازلىق ياغاچ قۇتا تارىم ئويمانلىقىدا مىلادىدىن ئىلگىرى بەشىنچى ئەسىردە بۆرىنى توتېم قىلغان قوۋملار ياشىغانلىقىنىڭ دەلىلى. شۇنداقلا، تارىم ئويمانلىقىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى گۈزەل-سەنئەت نەقىش ئەسەرلىرىدىن بىر نامايەندە.
قەدىمكى زامان نەققاشلىرى بۆرە ئوبرازىنى ۋە بۆرىنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى ناھايىتى قىزىقارلىق شەكىل بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ياغاچ قۇتىغا نەقىشلەنگەن بۆرىنىڭ بېشى ئىككى، بىرى ئوڭدا بىرى دۈم. بۇ ياغاچ قۇتا تىكلەپ قويۇلسىمۇ، دۈم قىلىپ قويۇلسىمۇ، ئۇنىڭدا ئوخشاشلا يەنە شۇ گۆشخۇمار بۆرە كۆرۈنىدۇ . بۇ ياغاچ قۇتىغا نەقىشلىگەن بۆرە ئېرىشكەن ئولجىنى تازا تۈگىلىپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ يەپ، ئەمدىلا قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندەك كۆرۈنىدۇ . نەققاشلار بۆرىنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچىگە گۆش دۈملەيدىغان خۇمرا، گۆش چانايدىغان قىڭراقلارنىمۇ نەقىشلەپ قويۇپتۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ