تېو-ئىستراتېگىيە پروف. دوكتور نادىم ماجىت ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى بىر ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى تار مەنىدە “تەڭرى ئىستراتېگىيەسى” ياكى “تەڭرى پىلانى، ئىلاھى پىلان“ دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كەڭ مەنىدە دىننىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنىسى، قىممىتى، قوللىنىلىشى ۋە كۈچ بەرپا قىلىش شەكىل ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نادىم ئەپەندى بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بەرگەن: ”تېو-ئىستراتېگىيە ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر جۇغراپىيەسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر قىممەتلىرى ئارقىلىق پەرقلىق دىن ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشتىن ئىبارەت. “ھازىر بۇ ئۇقۇم تۈركىيەدە دىننىڭ دۇنيا سىستېمىلىرى، يەنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىستېمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىشتا كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ