خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئورتا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىلىپ، تارىم ئەتىراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر قىلىپ ھازىرقى خىتاينىڭ دۆلەت ئىدارىسىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىر ئۇلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ›ۋەتەن‹ دەپ ھېس قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر ئەزاسى، دېگەن كەڭ تارقالغان كۆزقاراش ئۇزاقتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانمىش.
ئەمما، شەرقىي تۈركىستان 18 – ئەسىردە مانجۇرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، خاقاننى مەركەز قىلغان، ئەتىراپىدىكى ھەر خىل مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مانجۇر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزىلگەنىدى. مانجۇرلارنىڭ دۆلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ۋە تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ شەكىللەنگەن خىتاي دۆلىتىمۇ بۇ زېمىننى ئەزەلدىن تۇپرىغىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى، دەپ قارايدۇ. بۇنداق تارىخىي جەريانلار بىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باغلاپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 9 – ئەسىردىن باشلاپ تۈركىيلەشكەن ۋە ئىسلاملاشقان – لېكىن، بۇ تۇپراقلار 10 بولۇپ، مانجۇرلار بويسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرى تۈركىي مۇسۇلمانلار بۇ تۇپراقنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئىدى. يەنى، مانجۇر ياكى خىتاي جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلەر ھەم ئۇلار ئەۋەتكەن ئەمەلدارلار نەزىرىدە تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بۇ تۇپراق مانجۇرلارنىڭ ئىستىلا پۇرسىتىدە مانجۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئاندىن خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ 19 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتايغا قارشى قوزغالغان قوزغىلاڭلارنى نەزەرگە ئېلىپ، ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرساق، مانجۇرلار ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك ئۇرۇن تۇتىدىغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلە ئانچە ئاسانمۇ ئېنىقلانمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالەمدە شەرقىي تۈركىستان بوستانلىقلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمانلار مانجۇر ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە بۇ ھۆكۈمەتلەرگە قانداق نەزەر بىلەن قارىغان؟ مانجۇرلار ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن سىياسى سىستېمىسىغا قانداق قارىغان؟ دېگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمەن. تارىخى جەريانلارنى خۇلاسىلىغاندا بۇ تۇپراقنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالغان ھازىرقى ھالىتى، يەنى چېگرا رايونلاردىكى كۆپ خىل مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تارىخى قاراش بويىچە چۈشەنگەندە بىر نېمىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسىمۇ، تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ›تارىخى ئەمىنىيە‹ ۋە ›تارىخى ھەمىدى‹ ناملىق ئىككى ئەسىرى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ›شەرقىي تۈركىستان تارىخى‹ ناملىق ئەسىرى يەرلىك تۈركى مۇسۇلمانلار يازغان ۋەكىللىك تارىخى ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەر 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مانجۇرلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قوزغىلاڭدىن كېيىن يېزىلىش بىلەن بىرگە تارىم ئەتىراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ تارىخىنى قەدىمدىن باشلاپ مەزكۇر ئەسەر يېزىلغانغا قەدەر بولغان تارىخى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغاچقا تەتقىقاتىمىزدا پايدىلىق مەنبە بولالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.
يەنە ماقالەمدىكى مۇنداق ئۈچ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ: -1 بۇ تارىخى ئەسەرلەردە مانجۇرلار ياكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قانداق نەزەر بىلەن قارالغان؟ يەنى بۇ ئەسەرلەردە مۇئەللىپنىڭ تەسۋىرىدىكى ئۆز ماكانى ۋە خەلقىگە ئۆز ›تارىخى‹ دا قانداق ئورۇن بېرىلگەن؟
-2 مانجۇرلار ياكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقىنى قانداق تونۇپ، قانداق باھا بەرگەن؟ بۇلار مۇئەللىپنىڭ ئۆز تونۇشى ۋە پرىنسىپى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
-3 خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ›ۋەتەن‹ نى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىنى خىتاي تارىخىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇرلار زادى قانچىلىك؟ بۇنداق چۈشەنچىلەردىكىلەر بىلەن 2- نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، بۇ ئەسەرلەردە مۇئەللىپنىڭ ،- سېلىشتۇرغاندا 1 تارىخنى بايان قىلىش ئالاھىدىلىكىدە قانداق ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ