خىتايلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا رۇسلارنىڭ مانجۇرىيەگە بېسىپ كىرگەندە خىتاي بالىلارنى كاۋاپ قىلىپ يېگەنلىكى ھەققىدە، چىن كىلاسسىك رومانى دا ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ يېگەنلىكى ھەققىدىكى دەھشەتلىك » سۇ بويىدا « بايانلار بار. ھەقىقەتەن، خىتايلار ۋە رۇسلارنىڭ ئادەم گۆشى يېگەنلىكىگە دائىر يازما ماتېرىياللار نۇرغۇن. شۇڭا، خىتايلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېگەنلىكىنى رىۋايەت دەپ قالماڭكى، ھەتتا خىتايلارنىڭ ياركەندتە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكى ھەققىدە يازغان ئۆز خاتىرىلىرىمۇ بار.
-1757 يىلى 4- ئايدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن ئىنىسى خوجا جاھان كۇچاردا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، مانجۇلار ئۇلارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلىدۇ. -1758 يىلىنىڭ ئاخىرى قىشتا مانجۇ سانغۇنى جاۋخۇي لەشكەر باشلاپ ياركەندگە كەلگەندە، خوجا جاھاننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ياردەمسىز ھەم ئاچ قالغان جاۋخۇينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان لەشكەرلىرى مانجۇ قارارگاھىغا يېقىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋېلىپ ئەكىرىپ ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. بۇ ۋەقە جاۋ يى ئىسىملىك خىتاينىڭ ›يەن باۋ زا جى‹ دېگەن خاتىرىسى))) نىڭ ›قاراسۇ بارىگاھى‹ دېگەن بابىدا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ