ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلۇس تىل، دىن، ئېتنىك ئاساس قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق بىر تارىخقا ئىگە بولغان، باشقىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئورتاق بىر قىممەت قارىشى ئاساسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەرىپلىنىۋاتىدۇ. قىسقىسى ئۇلۇس، ئورتاق تارىخ ۋە ئەنئەنە ئاساسىدا ئوخشاش بولغان چۈشەنچە قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغان، يەنى، ئورتاق بىر ئېتىقاد ۋە ئاڭ بىرلىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئۇلۇسنىڭ ئەڭ ئالى مەنزىلى ۋە نىشانى بىر دۆلەت شەكىللەندۈرۈشتۇر. كۈنىمىز خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىدا بىر ئويۇنچۇق ھالىغا كەلگەن «دۆلەت»، ئەسلىدە ھەر قايسى ئۇلۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دىنىي ئېتىقادىنى، تىلىنى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى، سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلۇس كىملىكىنى يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكى مانا بۇنىڭدىن مەلۇمدۇر.
بۈگۈنكى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇسلار ئاساسەن ئۈچ خىل شەكىلدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بىر قىسمى بۈيۈك ئىمپېراتورلۇق ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن، بىر قىسمى ياتلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى بىرلىكتە قوغدىنىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئالدى بىلەن دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق بىرلىك ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ئورتاق بىر ئۇلۇس كىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن كىملىك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان ئۇيغۇرلار، بۇ كىرىزىسقا قارشى بىر ئۇلۇس كىملىكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا يۇرتۋازلىق ئېڭى ئۇيغۇر ئۇلۇس كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش ھېسسىياتى، ئورتاق قاراش ۋە ئورتاق پىكىر كۈچى، ھەمدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

بىر ئۇلۇس، مەلۇم بىر ئىنسان توپىنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى ئاساسىدا بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، مەيلى خىتاي تارىخچىلىرى ياكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، مەيلى چەتئەل تارىخ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن بولسۇن، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىلمىي بولغان بىرەر قاراش تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى ئەسىردىن ئېتىبارەن ئورخۇن ۋادىلىرىدا ياشاپ، مىلادى 745-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ھاكىمىيەت قۇرغان. 840-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھاكىمىيىتى – ئۇرخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان ۋە قېرىنداش تۈركىي قەۋملەر ياشاۋاتقان بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن، ھەمدە ھۆكۈمران قەۋملىك سالاھىيىتى بىلەن، ساك ۋە تۇخار قاتارلىق ھىندى ئىرقىغا مەنسۇپ ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەر بىلەن سىڭىشىشكە باشلىغان. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلىشىش، يەنى، تۈركلىشىش ۋە ئىسلاملىشىش جەريانى بارلىققا كەلگەن. بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئورخۇن ۋادىلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا تارىختىن بىرى ياشاپ كەلگەن يەرلىك خەلقتىن ئىبارەت ئىككى ئىتنىڭ مەنبەنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتاپ كەلگەن قاراخانلار دۆلىتى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ئۇيغۇرلىرىمۇ 13-ئەسىردىكى موڭغۇل ئىستېلاسى مەزگىلىدە موڭغۇللار بىلەن قىسمەن سىڭىشىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۈركلەشكەن ۋە ئىسلاملاشقان موڭغۇل ئەۋلادلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان چاغاتاي دۆلىتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دۆلىتى، ئۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئۆز دۆلىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 15-ئەسىردە تامامەن ئىسلاملىشىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىمىلىكىنىڭ ئاساسى بەرپا بولغان دېيەلەيمىز.
شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلار بارلىققا كەلدى، ئاجايىپ قەھرىمانلىق داستانلىرى پۈتۈلدى، مىللىي بايرام كۈنلىرى شەكىللەندى ۋە لايىقىدا تەبرىكلەندى، قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئېسىل ئەنئەنىلەر يارىتىلدى. مانا بۇ ئورتاق مىللىي مىراسلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاپ، بىرلىك ۋە ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇردى. شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ زىمىندا كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلاپ ، بۇ زېمىن ئۈچۈن قانلار تۆكۈپ، بەدەل تۆلەپ كەلدى. ئاتا-ئەجدادلىرىنىڭ قېنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن بۇ مۇبارەك زېمىن ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر.
بۇ مۇقەددەس زېمىندا ئوخشاش بولمىغان يەرلىك شېۋىلەردە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار، بىر ئۇلۇسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولغان ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئورتاق ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەدە قېلىپلاشتۇرۇلىشىدا تېخى يىتەرسىزلىكلەر كۆپتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئورتاق ئەدەبىي تىلدا يېزىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، تەپەككۇر شەكلى، دىنىي ھايات رەۋىشى، ئۆرۈپ ۋە ئادەتلىرى، فولكلور جەھەتتىكى خاسلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن رومانلار، ئەدەبىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلەرمۇ يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ . بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر يېتەرلىك بولغان بولسا ئۇيغۇر مىللىي بىرلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدلىرىدا شەكىللەندۈرگەن بولاتتى. بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە ئىشلىتىلگەن ئورتاق ئەدەبىي تىل، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان كونكرېت باغلاردىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ سىجىللىقىنى قوغدايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساس ۋە ئۇلتاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۇيغۇرنى باشقىلاردىن پەرقلىق قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ بەرپا بولۇش ئاساسى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قىسمەتلىرى، ئەنئەنىۋىي ئۆلچەملىرى، ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇلغان ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، ئېتنىك باغ چۈشەنچىسى، ئۆرۈپ ۋە ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى ، ئورتاق قىممەت قاراشلىرى، سىمۋوللۇق بەلگىلىرى (يۇرت، يەر ناملىرى، كىيىم – كىچەك، يېمەك ئىچمەك ئادەتلىرى، بايراقلىرى…) قاتارلىق ئامىللارمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ خىل ئوخشاشلىق ۋە ئورتاقلىق ئامىللىرى ئۇيغۇرلارغا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۇلۇس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق كۈچتۇر. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كىملىك ئالاھىدىلىكىگىلا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەب ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا يېقىن ھېس قىلسا، لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى غەرب دۇنياسىغا يېقىن ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇلارغا مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ئاتا قىلغان بولسا، تۈركىي تىلىغا مەنسۇپ بىر تىلغا ئىگە بولغانلىقى، ئۇلارغا تۈركىي خەلق كىملىكىنى ئاتا قىلغاندۇر. بىراق ئۇيغۇرلار بۈگۈنگە قەدەر باشقا بىر تۈركىي قەۋم ياكى باشقا بىر مۇسۇلمان قەۋم بىلەن ئورتاق بىر ئۇلۇس كىملىكى شەكىللەندۈرۈپ باقمىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ بىر جۇغراپىيەلىك رايوندا ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە ئۇلۇسلار ياشاۋاتىدۇ. ھۆكۈمران ئۇلۇس باشقا ئۇلۇسلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھەقلىق تەلەپلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغانلىقى، رايوندا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتكەن بولسا، بۇ خىل ئەھۋال داۋام قىلسا رايوننىڭ بۆلۈنۈش خەۋپىگىمۇ يول ئېچىشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە ئۇلۇسلار ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتمۇ ئۇيغۇر ئۇلۇسىنى ئاساس قىلماستىن، تېررىتورىيەنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنى ئاساس قىلغان ۋە بىر تېررىتورىيە دۆلىتى(territorial state) قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلۇسچىلىق نەزەرىيەسى بويىچە بولغاندا پۈتۈن دۆلەت بىر ئۇلۇسقا باغلىق بولىدۇ ۋە ھەر بىر ئۇلۇس بىر دۆلەت شەكىللەندۈرىدۇ. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇس كىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەن ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇلۇس شەكىللەندۈرۈشتە سابىت داموللا، مەسئۇت سەبرى بايقۇزى، مەمەتئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئېلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئىلغار زاتلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. سابىت داموللا، ئېلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلار سىياسىي جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا، مەسئۇت سەبرى بايقۇزى، مەمەتئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (تۈركچىلىك) ۋە ئەخمەتجان قاسىمى (مىللىي ئىنقىلاب) قاتارلىقلار ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن قان تەرلىرىنى ئاققۇزغان ئىدى. تارىخىي جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە مەمەتئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.
غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇلۇسچىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار 13-15- ئەسىرلەردە يوقاتقان قەدىمكى ئېتنىك كىمىلىكىنى غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇلۇس ئۇقۇمى بىلەن يېڭىۋاشتىن جانلاندۇرۇش يولىغا قەدەم باستى. بىراق ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈممەتچىلىك كىملىكى بىلەن قايتىدىن ئويغانغان ئېتنىك كىملىكنى بىر-بىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاسانغا چۈشمىدى، ھەمدە بۇ قىيىنچىلىق بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىپ كەلدى. بىراق ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىللىتى (جۇڭخۇا ئۇلۇسى) كىملىكىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى. ئۇلۇس شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى كىملىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى (جۇڭخۇا ئۇلۇسى) كىملىكىنى قۇرۇق سۆزگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش بىلەن بىرگە، يۈكسىلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ .
بىز ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدا يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەرگە كۆپرەك يەر بېرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىمزنىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن بىلدۈرىمىز.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ