كىملىك ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشتىن تارتىپ، ئۆمۈرى بويىچە مەنسۇبىيەت ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ھادىسە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەرىپى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىك، بەلگە، خاسلىقلار بىلەن بىراۋنىڭ كونكرېت بىر شەخس بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەرتلەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىنسان توپى، ئىجتىمائىي توپلۇق چوقۇم كونكرېت ۋە مۇئەييەن بىر كىملىككە ئىگە. ناۋادا ھېچقانداق كىملىكى بولمىسا ھېچكىممۇ ئۇنى تونۇمايدۇ. ئۇلار “بىز پالانى’دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، “كىملىك مەسىلىسىدىنمۇ’ سۆز قىلالمايدۇ. ئەگەر مۇئەييەن بىر كىملىككە ئىگە بولسا، بۇلارغا جاۋاب بېرىش ئاسانغا توختايدۇ ۋە شۇنداقلا تەبىئىي ھالدا كىملىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
كۈنىمىزدە كىملىك ئۇقۇمى ئەڭ جەلپ قىلارلىق ۋە سېھىرلىك ئۇقۇملاردىن بىرىگە ئايلاندى. خەلقئارادا كىملىك ئۇقۇمىنىڭ ئۆتمۈشى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ئىلىم ساھەسىدە كىملىك ئۇقۇمى 1940 -يىللاردىن ئېتىبارەن پىسخولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ئىلىملىرى دائىرىسىدە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى، 1980 -يىللاردىن باشلاپ، كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىدە شەخسكە قارىغاندا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىنىڭ بەكرەك بولىدىغانلىقى ئىلىم ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن كىملىك ئۇقۇمى جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىجتىمائىي ئانتروپولوگىيە ۋە سىياسەت ئىلىملىرى دائىرىسىدە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەربتە مەيدانغا كەلگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل ئۆزگىرىشلەر كىملىك ئۇقۇمىغا بولغان ئىلمىي قىزىقىشلارنىڭ كۈچىيىشىدە زور رول ئوينىدى. 80 -يىللاردا ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئۇزاق شەرق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھىندىستان يېرىم ئاراللىرى قاتارلىق دۇنيا ھەر قايسى جايلىرىدا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ساھەلەردە ئۇلۇس دۆلەت )مىللىي دۆلەت( مۇناسىۋىتى ئىچىدىكى پەرقلىق ئېتنىك توپلۇقلار، گۇرۇھلار ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، دەپ ئاتىلىپ قالغانلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپلىرى ياڭراشقا باشلىدى. بۇ تەلەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە پەيدا قىلغان تەسىرلىرى ئەنئەنىۋى كىملىك ئۇقۇمى ۋە چۈشەنچىسىگە يېڭىچە تۈس ئاتا قىلدى. ئوخشاشلا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنى، مائارىپ، ئىقتىسادى ۋە ماكان ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئورنى ۋە سىياسىي تەقدىرى بەزى زىيالىلىرىمىزنى ئۆزلۈك، كىملىك ھەققىدە جىددىي ئويلاندۇردى ۋە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى. زىيالىلىرىمىزنىڭ كىملىك ۋە ئۆزلۈك ھەققىدىكى بۇ ئىزدىنىشلىرى 90 -يىللارغا توغرا كېلەتتى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ