دۇنيادا ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيونلار، ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيەلەرمۇ ھامىنى بىر كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچىدۇ. ئەمما ئىنسانلار تارىخى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئەقىل – پاراسەت، مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي مىراسلار ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى تارىم، جۇڭغار ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايون گېرو – رىمان مەدەنىيىتىنى ھىندىستان بۇددا مەدەنىيىتى ۋە مەركىزى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەنئەنىسىگە باغلايدىغان غەرب ۋە شەرق ئارىسىدىكى قەدىمى سودا يولىغا جايلاشقانلىقىدەك ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گۈللەنگەن تىجارەت، سودا ۋە مەدەنىيەت ئۇيغۇرلار زېمىنىغا تىل، ئىرق ۋە دىن جەھەتتە ھەممە باراۋەر بىرلىكتە ياشايدىغان ئالاھىدە تۈس قوشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى پەقەتلا ئوز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ساقلاش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
دىگەن سوز جۇغراپىيەۋى سىياسى گەۋدىنى » ئۇيغۇر زېمىنى « بۇ ماقالىدىكى ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيەلىك ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار زېمىنى مەركىزى ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئارىلىقى 2000 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبىغىچە بولغان ئارىلىقى 1650 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار زېمىنى مەركىزى ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ 6 قىسمىنى ئىگىلەپ، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، / زېمىن ھازىر خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ 1 قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، تىبەت ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ