ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمىي خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخىنى ياراتقان باي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئىگە مىللەت . مەشھۇر تۈركولوگ ئۇيغۇرلار قەدىمىي تۈركىي خەلق بولۇپلا « ۋ.ۋ. رادلوف بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرى قالماستىن ، بەلكى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يىراق غەربتىكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە دەپ » ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىنتايىن كۆپ سانلىق تۈركىي خەلقتۇر تەكىتلىگەن ئىدى.
قەدىمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۆلەتچىلىك ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلۇشى ۋە شەكىللىنىشى مەزكۇر رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەم راۋاجلىنىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى .
مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتچىسى ئا.ن. بېرنىشتامنىڭ يەكۈنىچە، ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبى موڭغۇلىيە يايلاق رايونى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي سىبىرىيە، تەڭرىتاغ رايونى، يەتتىسۇ، پەرغانە ۋادىسى قاتارلىق كەڭ جۇغراپىيىلىك ماكان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر
ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش تەرەققىيات تارىخىنى تەڭرى تاغ رايونىنى مەركەز قىلغان قەدىمكى تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ تۇپراقلاردا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ياشىغان بولۇپ، قەدىمكى تارىم -تۇرپان ۋادىلىرىدىكى ئولتۇراق ھاياتتىكى شانلىق شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان خەلقلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ قەدىمىي شەھەر ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان تارىم- تۇرپان ۋادىلىرىنىڭ قەدىمىي ئاھالىسىنىڭ بىۋاسىتە ئانتروپولوگىيىلىك ۋە مەدەنىيەت ۋارىسلىرى بۈگۈنكى شۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تارىم – جۇڭغارىيە ۋادىلىرىدىكى ئولتۇراق ۋە كۆچمەن ھاياتتىكى قەدىمكى قەبىلىلەر مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرىلا قەدىمى دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى ياراتقان بولسا، مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئىچىدە بولدى. ھون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت تۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى 6-ئەسىرگە كەلگەندە تارىم-تۇرپان ۋادىسىدا قانقىل – ھېسابلىنىدىغان قانقىللار 5 دۆلىتىنى قۇرۇپ، رايوننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەڭرى تاغ رايونىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ خەلققە ئايلانغان 6-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر دىيارى كۆك تۈركلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا – ئىدى. 8 بولدى. 8-ئەسىردىن 9-ئەسىرغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭغارىيە، تارىم ۋادىلىرى ، چۇي ۋە پەرغانە ۋادىلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى مەركەز قىلغان ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ يادرولۇقىدىكى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاساسلىق رول ئوينىغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق خەرىتىسى ئىچىدە بولدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ