يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىملىك مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۆپ قەيت قىلىنىدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى. ئەسلىدە كىملىك ئۇقۇمى ئۇزاق تارىختىن بىرى مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر ئۇقۇم بولسىمۇ، بىراق 1940 – يىللىرىدىن كېيىن پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەت – پىسخولوگىيەسى ئىلمىي ساھەلىرىدە تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇشقا باشلىدى. 1980 يىللاردىن ئېتىبارەن، كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىدە شەخسلەردىن بەكرەك ئىنسان توپى رولىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ھېس قىلىندى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىق )ئىنتروپولوگىيە( ۋە سىياسەت قاتارلىق ئىلمىي ساھەلىرىدە جىددىي رەۋىشتە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئېتنىك مەنبە ۋە سىياسىي كىملىكنى ئاساس قىلغان مىللىي دۆلەت ئۇقۇمى ئىلمىي ساھەدە تېخىمۇ روشەن ئېنىقلىمىلارغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى دۇنيا سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەت ۋە قۇرۇلما قانۇنىيىتى بىر قەدەر روشەن يورۇتۇپ بېرىلدى.
ئىلمىي ساھەدە كىملىك ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پىكىر ۋە چۈشەنچە ساھەسىدە كىملىك، ھەرقانداق بىر شەيئىنى ئۇ شەيئى قىلغان، ئۇ شەيئى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئىسپاتلاپ بېرىدىغان، پەقەت شۇ شەيئىگىلا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ توپلىمى)))، دەپ ئىزاھلىنىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىق )ئنتروپولوگىيە( ئىلمىي ساھەسىدە كىملىك، ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارغىلا خاس بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئالامەت، ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقلار ئارقىلىق مەلۇم شەخىس ياكى مەلۇم ئىنسانلار توپىنى شۇ شەخس ياكى شۇ توپ قىلغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ توپلىمى)))، دەپ ئىزاھلىنىدۇ. سىياسەت ۋە قانۇن ساھەسىدە كىملىككە، مەلۇم بىر ئىنساننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئىسپاتلايدىغان بەلگە ياكى كىنىشكا )))، دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ