جەمئىيەتتىن ئايرىم ھالدا پەيدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەككە كىشىلىك كىملىكىنى، ئىجتىمائىي كىملىك ھېسابلىنىدىغان ئائىلە كىملىكىدىن ئايرىپ دىياگنوز قويغىلى بولمىغانلىقتىن شەخسىي كىملىككە خۇددى، گۇرۇپپا كىملىكى، ئىجتىمائىي كىملىك، مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە ئوخشاش جەمئىيەت ۋە جەمئىيەت ئىگە بولغان مەدەنىيەتكە ئاساسەن ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىملىككە ئېنىقلىما بېرىشتە، دىن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە كىملىك ۋە مەنا كىرىزىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان )قىممەت قاراشلىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتقان( مودېرن ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى ۋە بىر نەرسە بىلەن كىملىكىنى ئىپادىلەشتە دىن ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ.
دىننىڭ بىر جەمئىيەتتە ئاددىي دىنىي فۇنكسىيەلەرنى ئىجرا قىلىش رولى سىرتىدا، مۇھىم تولۇقلىغۇچى ئىجتىمائىي فۇنكىسيەلىرىنىڭمۇ بارلىقى ۋە بۇ دائىرە ئىچىدە ئۇنىڭ شەخسى، ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ بەلگىلىنىشىدە، بولۇپمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تولۇقلىغۇچى رولىنىڭ مۇھىملىقىغا ئالاھىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ