ئىنسانلار دۇنيانى پەقەت تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىقلا بىلەلەيدۇ ۋە چوڭقۇر تونۇيالايدۇ. تەپەككۇر، ئىگە بولغان بىلىم ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئەقلىي رەۋىشتە سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە يېڭى ئىدىيە يارىتىش جەريانىدىن ئىبارەتتۇر. دېمەك، تەپەككۇر قىلىش نەتىجىسىدە يېڭى چۈشەنچىلەر بارلىققا كېلىدۇ. چۈشەنچە دېگىنىمىز، قولغا كەلتۈرگەن ماتېرىيال، ئاخبارات، ئۇچۇر، مەلۇمات، تەجرىبە، دەلىل، ئىشەنچ ۋە سەزگۈلەر ئۈستىدە راتسىيونال بىر رەۋىشتە ئەقىل يۈرگۈزۈش، تۇيغۇلاردىن ئىلھام ئېلىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن، مۇئەييەن تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان بىر ئىدىيەنى كۆرسىتىدۇ. بىراق پۈتۈن بۇ جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش رەۋىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تەپەككۇر رەۋىشى، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن چۈشەنچىنىڭ توغرا، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىدە ھەل قىلغۇچ ئامىلىنى تەشكىل قىلىدۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرى 6-4- ئەسىرلەردە خىتاي ۋە قەدىمىي يۇناندا نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە نېمە ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ئىزباسارلار يېتىشىپ چىقالمىدى؟ ياۋروپاغا نىسبەتەن جاھالەت دەۋر ھېسابلانغان ئوتتۇرا ئەسىردە، مۇسۇلمانلار قانداقسىگە ئالتۇن دەۋر يارىتىپ مەدەنىيەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز ھالىغا كېلەلىدى؟ 16- ئەسىردىن كېيىن ياۋروپادا نۇرغۇن مۇتەپەككۇر، ئالىملار قانداق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ياۋروپا قانداق قىلىپ بىر ئىلىم – پەن مەركىزىگە ئايلىنالىدى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك. بىراق زىھنىيەت، يەنى چۈشەنچە مەسىلىسىنى، بۇ ھادىسىلەردىكى ئورتاق بىر ئامىل دەپ كۆرسىتىش تامامەن مۇمكىندۇر. چۈنكى تەپەككۇر قىلىش بىر زېھنىي جەرياندىن ئىبارەتتۇر. زېھنىيەتنىڭ، يەنى چۈشەنچىنىڭ ئاساسى كۈلتۈردۇر، ھەمدە ھەر كۈلتۈر بىر مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق بىر ئىنسان توپى ياكى جەمئىيەت، دەۋرىي ۋە ياكى ئۇنىۋېرسال بىر چۈشەنچە يارىتالمايدۇ. كۈلتۈرنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى بىر زىھنىيەت ياكى چۈشەنچە، بىر ئىنسان توپى ياكى جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ياكى گۇمران بولۇشى، مۇتەپەككۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىشى ياكى چىقالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. ئوخشاشلا زىھنىيەت ياكى چۈشەنچە، ئاجىز ئىنسان توپى ياكى جەمئىيەتنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ. چۈنكى، ئىلغار ۋە ئوچۇق پىكىرلىك بىر چۈشەنچە، ئاجىز جەمئىيەتكە كۈچلۈك جەمئىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆزى ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار ئۈستىدە ئەقىل يۈگۈرتۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقالامدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنى ساغلام بىر شەكىلدە يۈرگۈزەلىشىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تارىخ سەھىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق، كۈچلۈك جەمئىيەتتە نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ياكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۈچلۈك جەمئىيەت بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈچلۈك جەمئىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرلارنىڭ بولماسلىقى ياكى ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلمىگىنىدەك، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنىمۇ قوغداپ قالالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ خىيالى، ئارمانى ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىلمىي بىر ئۇل قۇرۇلمىغا ئىگىمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپەككۇر شەكلى ۋە مېتودى توغرىمۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ئايدىڭلاشمىغۇچە، ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەسكە توختايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىلمىي بىر ئۇل – ئاساس بولمىغان تەپەككۇر، چۈشكە ئوخشايدۇ. ئۇسۇل ۋە مېتودى توغرا بولمىغان بىر تەپەككۇر جەريانى ئارقىلىق، توغرا بىر چۈشەنچە ياكى ئىدىيە بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بەزى دۇنياۋى تىللاردىن خەۋەردار ۋە مۇئەييەن سەۋىيەدىكى ئىلىم، تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، مىللىي كىملىكىنى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي ئۇل – ئاساسىنىڭمۇ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق مېتود ۋە ئۇسۇل جەھەتتە يىتەرسىزلىكلەر ھېلىھەم ساقلىنىۋاتىدۇ.
تەپەككۇرنىڭ ئۇسۇل ۋە مېتودلىرى كۆپ خىلدۇر. تەپەككۇر قىلغۇچىنىڭ ئىگە بولغان بىلىمى ۋە ئۇچرايدىغان كۈلتۈرىي تەسىر سەۋەبىدىن، ئىندىۋىدۇئال خاسلىققا ئىگە بەزى تەپەككۇر شەكلى ۋە ئۇسۇللىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئۇيغۇرلارغا خاس ۋە ئۇنىۋېرسال تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان بىر چۈشەنچە، ئۇيغۇرلارنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدىكى يەنە بىر يېتەرسىزلىك بولسا، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتىكى نەزەر دائىرە تارلىقى مەسىلىسىدۇر. بىر مەسىلە يالغۇز بىر نەتىجە بەرسىمۇ، ئۇ مەسىلىنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بولغىنىغا ئوخشاش، مەسىلىنىڭ كۆپتەرەپلىمە بولىدىغانلىقلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. سەۋەبتىن نەتىجىگىچە بولغان جەرياندا تەسىر كۈچىگە ئىگە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مەسىلىنى كۆپ قىرلىقلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەت، مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىشتا ھەر تەرەپتىن ئويلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئەقلىي ۋە ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. چۈنكى تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر ۋە بەندىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەمەل – ئىبادەتلىرىدىن بىرىدۇر!

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ