9- ئەسىردىن 13 – ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مىلادىيە 840 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا ئېتنىك ۋە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تەرەققىياتى يېڭى بىر دەۋرگە كىردى. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي زېمىنلىرىغا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى))) ئۇ يەردە يېڭى دۆلەتلەرنى قۇردى. غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى 1363 (، قاراخانىيلار ئۇ يەردە ئىلگىرى -كېيىن تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى ) – 866 866 ( بەرپا قىلدى. – سۇلالىسى ) 9- ئەسىر- 1212 ( ۋە گەنجۇ دۆلەتلىرىنى ) 1028 پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى تەرەققىياتلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن گۈللىنىش، بۇ ۋاقىتتىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە ئىدىقۇت مەملىكىتىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىدۇر. بىراق، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئەمما، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلە قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا ھەل قىلغۇچى كۈچلەرگە ئايلاندى. گەرچە، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر- تۈركىي خاندانلىقى ئىككى خىل دىنىي مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەلەردە ئورتاقلىق مۇھىم يۆنىلىشلەر بار بولدى. پەلسەپىۋى ئىدىيىلەردىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلارنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن شەرھىيلەيمىز

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ