1930- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قەشقەر مائارىپى ۋە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ دېگەن بىر » مەجىددىن ئەپەندى « قەشقەردىكى پائالىيىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەردە كىشىنىڭ ئىسمى ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما، مەتبۇئات يۈزىدە بۇ كىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەچكە، مەن توپلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن ھاياتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىمەن.
دوكتور مەجىددىن ئەھمەت « مەجىددىن ئەپەندىنىڭ ئىسمى تۈركچە مەنبەلەردە دەپ خاتىرىلەنگەن. مەجىددىن ئەپەندىنىڭ قەشقەردىكى دوستى ئابدۇقادىر » دەلىل ھاجىنىڭ ئەسلىمىسىدە: قوقاندا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گېرمانىيەگە ئون نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. مەجىددىن بەگ شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە قوقان ھۆكۈمىتى، سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمەي، بەزىسى گېرمانىيەدە قېلىپ، بەزىسى تۈركىيەگە بېرىپ ئورۇنلاشقان ئىكەن، بۇ كىشى تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەلگەن ئىكەن، دەيدۇ))). مۇھەممەد مۇسا ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە، مەجىددىن ئەپەندى تاشكەنتتە تۇغۇلغان، ياۋروپادا تەھسىل كۆرگەن)))، دېگەن بولسىمۇ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. گېرمانىيەگە ئەۋەتىپ ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ۋەتىنىگە » بۇخارا جۇمھۇرىيىتى « ، ئەمما قايتماي تۈركىيەگە كەتكەنلەر قاتارىدا مەجىددىن ئەپەندىنىڭ سۈرىتى ئۇچرايدۇ ))). بۇنىڭغا قاراپ مەجىددىن ئەپەندىنى گېرمانىيەدە ئوقۇپ، دوكتور ئۇنۋانى ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، مەجىددىن ئەپەندى بىلەن قەشقەردە بىللە خىزمەت قىلغان ئىمىن ۋاھىدى خېتىدە، ئىستانبۇل دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇغان، دەپ يازغان

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ