بۇ ماقالىدە شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى، ئىسلام دىنى خادىملىرى ھەمدە ھەر تۈرلۈك ئاممىۋىي ئۇيۇشمىلار ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ۋە نارازىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ماقالىدىكى ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلە ۋە نۇقتىلار :
1. ئالدىنقى ئىككى ئەسىر ھەم مۇشۇ ئەسىرنىڭ يېرىمىدا شىنجاڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىسمەن ھەم پۈتۈنلەي ھالدا تەكرار-تەكرار زومىگەرلىك بىلەن ئىشغال قىلىۋېلىندى. بۇ ئىشغالىيەتنى خىتاي مىللەتچى كۈچلىرى 2000 يىلدىن بۇيان بىز بۇ رايونغا تەبىئىي ھالدا ئۈزلۈكسىز ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز دەپ بىلجىرلىسا، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم دېگەن » مۇستەملىكىچىلىك « ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇقۇم بىلەن ئاتالدى. قانداقلا بولمىسۇن، خىتايلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شۇملۇقتىن دېرەك بېرەتتى. گەرچە 1949 – يىلدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنى )مەيلى چېگرا ھالقىغان بولسۇن ياكى رايون ئىچىدە بولسۇن( تەلتۆكۈس باستۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالمىغان بولسىمۇ، خىتاي ئاساسىدا قۇرۇلغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلدى. ئەلۋەتتە، چىڭ خاندانلىقىمۇ يوشۇرۇن خەۋپ تۈسىنى ئالغان ئادەملەر ۋە ئىدىيەلەرنى كۆزدىن چەتلەشتۈرۈپ، سىرت بىلەن ئالاقىسى بار يەرلىك يولباشچىلارنى قاتتىق رېجىم ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى ئىسلامىي مۇھىت ئۈستىدىن غالىب كېلەلمىگەن.))) ئەينى دەۋردە شىنجاڭ مۇھىتىدا دىنىي ئېتىقادنى كونترول قىلغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى )ئىسلام دىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( بىر قىسىم بۇيرۇق تۈسىنى ئالغان غەيرى ئىنسانىي قانۇنلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن ياشاشقا ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشقان. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا خىزمەت شارائىتلىرىدىن، ئەركىنلىكىدىن، ھەتتا ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ