تەرجىماندىن:
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيامىز ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەكمۇ تار. بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان 18 – ئەسىردىن باشلاپ، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىكى قاتتىق كونترول قىلىنىپ كېلىۋاتقان سۈنئىي چېگرالار ئاستا- ئاستا يۇمشاق ئۆتۈشۈش مۇناسىۋەتلىرىگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەيدانغا چىققان ياكى چىقىۋاتقان بەزى ئىلمىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر تۆمۈر قەپەستە بەشەرىي ھەقلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېچىرقىغان تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاۋاتىدۇ. تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە ئۇچۇشۇپ يۈرگەن يېتىم ئۇقۇملار، قاغجىراپ كەتكەن توغراق غوللىرىغا ئوخشاش چاڭقاق لەۋلەرگە باھار پەسلىنىڭ سىم- سىم يامغۇرىغا ئوخشاش مەلھەم بولۇۋاتقان بۈگۈنكى پەيتتە، غەرب دۇنياسىدا يۈز يىللار ئىلگىرى ئىجاد قىلىنىپ، دەۋرىمىزدىمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا تەتقىق قىلىنىۋاتقان بەزى ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، 1688 – يىلى مەيدانغا كەلگەن ئىنگلىز ئىنقىلابى بىلەن 1789 – يىلىدىكى فىرانسۇز ئىنقىلابى ئارىسىدا ئۆتكەن يۈز يىللىق زامان)مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا 18 – ئەسىر( ئىلىم تارىخىدا ئاقارتىش دەۋرى) دەپ قارالدى. شۇنداقلا بۇ دەۋر، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يىپيېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. كائىنات، ئىنسان ۋە مېتافىزىكا ساھەسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر يېڭىدىن تالاش- تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن زېھىن ئالەمىمىزدە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن رېئال ئالەمدىكى ئىپادىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن بەزى ئاتالغۇلارنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ھالدا بايان قىلىپ بېرىدىغان بەزى ئەسەرلەرگە ژۇرنىلىمىزدىن ئورۇن بېرىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا بەزى ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ياقىلاۋاتقان مەركىزى ئىدىيەسى بىزنىڭ چۈشەنچىمىزگە باب كەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى بۇ ساھەدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى غەرب جەمئىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشۈش پىرىنسىپى بويىچە، مەسىلىنى ئۆز پېتى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد ياكى مەدھىيەلىرىمىزنى دەل جايىغا تەككۈزۈشتە مۇھىم بىر ئامىل. چۈنكى توغرا دىياگنوز قويماي تۇرۇپ، داۋالاشنى مۇۋەپپەقىيەلىك ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ ماقالىمۇ شۇ مەقسەتتە تەرجىمە قىلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ