شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئالاقىدار نۇرغۇن مۇھىم تېمىلار ئىچىدىكى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 – يىللىرىدا مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان مىللىيەتچىلىك، ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ھازىرغىچە مۇتەخەسسىسلەر ياخشى ئەھمىيەت بېرەلمىدى. ئەمما، ئېرىشىلگەن تارقاق، پارچە–پۇرات ماتېرىياللارغا تايىنىپ ھېچ بولمىسا، ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ تارقالغان رايونلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 1755 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننى تەسەررۇپ – مانجۇ ھۆكۈمرانلىرى 1759 قىلغاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋىي مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە روشەن بىر ئۆزگىرىش بولمىدى. مانجۇ ھۆكۈمىتى ئارمىيەنى ئاساسلىق بوستانلىقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بارلىق خەلق ئىشلىرىنى )مەمۇرىي ئىشلار( فېئودال يەرلىك بەگلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى (化外之民) ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ سىرتىدا قېلىشى قوبۇل قىلماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ