ئاللاھ تائالا مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئۆزىگە ياكى ئۆزلىرىگە لايىق رەۋىشتە داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرغان. بۇ خىل ئەھۋال قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مەۋجۇدات دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئىنسانلار دۇنياسى، ۋۇجۇدقا چىققاندىن تارتىپ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ساناپ تۈگەتكۈسىز نازۇ-نېمەتلەرگە نائىل بولۇۋاتىدۇ. بەلكى بۇ نېمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نېمەتلەردىن بىرى، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئىپادىلەيدىغان ۋەھىي ھادىسىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋەھىي، قەدىمدىن تارتىپ پەيلاسوپلارنىڭ زېھىن دۇنياسىنى ئىنسانىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، مەۋجۇت « ، مەشغۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ھەققىدىكى سوئاللارنىڭ » تۇرمۇشتىكى ۋەزىپىسى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتى جاۋابىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىدۇ. ئىنساننى دۇنيا قاراڭغۇلۇقىدا ئېزىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. ھەر ۋاقىت ئۇلۇغۋار بىر غايە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ روھى چوڭقۇرلۇقلىرىدىن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ يىراق قىرلىرىغا، ئۆتمۈشتىن قىيامەتكىچە بارلىق مەۋجۇدات ئۈچۈن سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت نۇرلىرى چاچىدۇ. ھەق بىلەن ناھەقنىڭ، گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنىڭ ۋە دوست بىلەن دۈشمەننىڭ پەرقىنى ئاجرىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ ئايان بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن گەپ قىلغان كىشى ئەڭ توغرا سۆز بىلەن گەپ قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئىش قىلغان كىشى ئەڭ توغرا ئىشنى قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئادىشىپ قالغان كىشى، قۇلغا قۇل بولۇپ ياشاشقا مەھكۇم. ئىنسان ئۇقۇمىنى چۈشىنەلمەيدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ