تۈركىيە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخىدىكى بايراقدار جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ تۈركىيەدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىشىگە باشلامچىلىق قىلغان ۋە ئاكتىپ شەكىلدە فىرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ئېمىل دۇركخيمنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركىيەگە تونۇشتۇرغان. شۇنداقلا ئۇ دۇركخيىمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتبىقلىغان . شۇڭلاشقا، زىيا گۆكئالپنىڭ ئەسەرلىرىدە دۇركخيمچە تەپەككۇر ۋە پىكىر شەكلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ھەممىگە مەلۇم، تۈركىيە تارىخىدا 600 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇلى تەۋرەشكە باشلايدۇ. بولۇپمۇ، 19 -ئەسىرىنىڭ كىيىنكى قىسمىدا ئىمپېرىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ جەھەتتىن غايەت زور غۇلاشقا باشلايدۇ. 1877 – ۋە 1912 -يىللاردىكى ئۇرۇشلاردا ئىمپېرىيە زېمىنىنىڭ نۇرغۇن قىسمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ۋە ئىمپېرىيەگە قارشى كۈرەش كۈنسېرى كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنداق تاشقى ۋە ئىچكى زىددىيەتلەر سىياسىي، II ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى خانى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردە زامانىۋىلىشىشنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىدۇ…

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ