ئىسالم ئىلىملىرى تارىخىغا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ئىنچىكە نەزەر سالغان كىشى، ئىجتىھاد ئەھلىنىڭ كۆرسەتكەن ھىممەت-ئىجتىھادلىرىغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتسىمۇ، ئۇالرنىڭ شەرىئەت تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنى يېزىشتا قولالنغان ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قوشۇلۇپ كېتەلمەيدۇ.

مەن بۇ يەردە ئەرەپ تىل- ئەدەبىياتى ياكى قۇرئان ئىلىملىرى ھەققىدە ئەمەس، پەقەت تەپسىر، ھەدىس، فىقھ ۋە فىقھ ئۇسۇلى قاتارلىق شەرىئەت ئىلىملىرى ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان قۇرئان تەپسىرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ھالبۇكى، ئۇشبۇ تەپسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەپسىر قىلىشتا نوقۇل تىل ياكى رىۋايەت تەرەپلىرى بىلەنال چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا يېتەكچى» سۈپىتى بىلەن نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي ساھەسى ۋە ھاياتىي كۈچىگە دىققىتىنى قاراتقان بىرمۇ تەپسىر تېپىلمايدۇ. تەبەرى، كەششاف، بەيداۋىي، رازى قاتارلىق ئىسالم دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق تەپسىرلەر مېنىڭ بۇ ھۆكۈمۈمنى ئىسپاتالپ بېرەلەيدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ