ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ تەپەككۇر مېتودى شەكىللەندۈرىدىغان ئالەم نەزەرىيەسى بولىدۇ، شۇنداقال ھەر قانداق مېتودنىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان پرىنسىپلىرى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىدىيە قارىشى، ئەمەلىي ھاياتى ۋە ئەخالق ئىستىلى كائىنات، ھايات ۋە ئىنسان نەزەرىيەسىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

ئىسالمنىڭ تەپەككۇر مېتودى مۇسۇلمانالر ھەزارىتى )مەدەنىيىتى(نىڭ ئالەم نەزەرىيەسىنى جانالندۇرۇشتىكى قورالى ھېسابلىنىدۇ. ئىسالمنىڭ ئالەم نەزەرىيەسى يىلتىزنىڭ ئورنىدا بولۇپ پرىنسىپ، قىممەت-قاراش ۋە چۈشەنچىلەر شۇنىڭدىن تارماقلىنىپ چىقىدۇ. ئالەم نەزەرىيەسى ئەقىدە كۈچ-قۇۋۋىتىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدىغان يىلتىز ۋە مەنبەدۇر. ئەقىدە كۈچ-قۇۋۋىتى ئىنسان ۋە جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ۋىجدان كۈچىنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇنداقال ئىنسانالرنىڭ ھايات سەپىرىدىكى يۆلىنىشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم نەزەرىيەسى قانچە روشەن ۋە ئاسان بولسا شەخس ۋە جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان جانلىق ئەقىدە، ۋىجدان ۋە تەربىيە كۈچىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. ئالەم نەزەرىيەسى ئىنساننى ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتقان ئەقىدە ئاساسىي، ئىدىيە ۋە ۋىجدان كۈچىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدىغان ھالقىلىق نۇقتىدۇر.

ئىسالمنىڭ ئالەم نەزەرىيەسى ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان غايىلىك، ئەخالقلىق، تەرەققىيپەرۋەر ۋە مەدەنىيەتلىك تەۋھىد كۆز قارىشىغا ئىگە. ئۇ ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ يۆلىنىشىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر ئامىلىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان قانۇنىيەت خاراكتېرلىك ئىلمىي كۆز قاراشتۇر: »ئەر-ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە )دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھاالل رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ( ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇالرغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز« )نەھل سۈرىسى، 97 -ئايەت(.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ