«مەقاسىدى شەرىيئەھ» ئاتالغۇسى – ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىلىدىغان نەرسلەر (قۇرئان ۋە سۈننەت)نىڭ مەنالىرىنى لەۋزى(سۆز/خەت) ئىلگىرىكى ئىزاھاتنى ئاساس قىلىپ چۈشەندۈرۈدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىمىزنىڭ كۈچىنى يوقاتقانلىقى سۆزلىنىۋاتقان بۇگۈنكى شارائىتتا بارغانسىېرى بازار تېپىۋاتقان بىر ئاتالغۇدۇر.

ئىمام شاتىبى (ۋاپاتى ھىجرىيە 1388/790) بۇنىڭدىن خېلىلا ئىلگىرىكى بىر دەۋردە ئىجتىھادنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا داۋاملىشىشىنىڭ مۈشكۈللىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە پىكرىي جەھەتتىن يىڭى كۆزقاراشلىرىغا ئاساس بولىدىغان دەرۋەقە، بۇ تېما ھەققىدە بەزى مەقاسىد نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىملار گەپ قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بەلكى دەسلەپكى قەدەمدە دەپ قاراشقا بولىدىغان شەكىلدە بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ھەجىلىملىك بىر ئەسەر بىلەن تەپسىلىي ھالدا نەزىرىيەلەشتۈرۈپ چىقتى. ئەپسۇسكى، ئىسالم دۇنياسىنىڭ تەپەككۇر تارىخىدىكى تۇرغۇنلۇق ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشقان ئىدى. بۇ باسقۇچتا شاتىبىنىڭ بۈيۈك پاراسەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان مەقاسىد نەزىرىيەسى، بولۇپمۇ ئۇسۇل جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبار كۆرمىدى. ئۇسۇل دەرسلىرىدە يەنىالر لەۋزى بىلەن ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى بولمىغان بۇرۇنقى ئۇسۇل كىتابلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ ئەسەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك مەقاسىدنى ئاساس قىلغان ئۇسۇل نەزىرىيەسىنىڭ ئۆز قىممىتىنى تېپىشى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا مۇھەممەد ئابدۇھ ۋە ئوقۇغۇچىسى رەشىد رىزا قاتارلىق ئىجتىھاد ۋە يېڭىلىق تەرەپدارى سىماالرنىڭ دىققەت چېكىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىجتىھاد پىكرىنىڭ جانلىنىشىغا پاراللېل ھالدا بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى يېڭدىن ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بارغانسېرى بازار تېپىشقا باشلىدى، ئالىمالرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا باشلىدى. بۇ ئەسەر بىر نەچچە قېتىم بېسىلدى ۋە مەن بۇ ئەسەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ