بۇ ساندىكى ماقالىلەردىن ئارىيە

بۇ ماقالىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارغا ۋە تەتقىقاتلارغا باھا بېرىلىپ، كۆرۈلگەن مەسىلە كۆرسىتىلىپ خاتالىقلار ئىزاھلىنىدۇ. ئىزدىنىشلەردىكى شائىرنىڭ تەرجىمىھالىنى توقۇلما قىلىش، ئەسەرلەرگە ئىدىيە يۈكلەش، مىسرالارنى ئۆزگەرتىۋېتىش، سۆزلەرنى قوشۇپ قويۇش ۋە پىكىرلەرنى زامانغا ماس قايتا قۇراشتۇرۇش قاتارلىق نۇقسانلار ھەققىدە تەھلىللەر يۈرگۈزىلىدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933) شېھىت بولغاندىن كېيىن ئەسەرلىرى تۇنجى بولۇپ 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ژۇرناللاردىن «شەرق يۇلتۇزى»غا ۋە تەيۋەندە نەشر قىلىنغان بىر ئۇيغۇرچە ژۇرنالغا شائىرنىڭ شىئېرلىرى ئېلان قىلىنغان. 1970-يىللاردا ئۆزبېكچە نەشر قىلىنغان «ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن كىتابتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «بەر مەدەت»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد» ماۋزۇلۇق بىر نەچچە شېئىرى بېرىلگەن. 1979-يىلدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى «تارىم»، «تۇرپان»، «بۇلاق»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق نەشرى ئەپكارلاردا يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «كەلگۈسىنىڭ شائىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە بىر بالىلار رەسىملىك كىتابى نەشىر قىلىنغان. كىتابتىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 8 يېشىدا «قۇرئان كەرىم»نى يادىلاپ بولغانلىقى، 1912-يىلغىچە تۇرپاندىكى داڭلىق ئۆلىما ھەمدۇلالھ دامولالمدا ئوقۇپ ئۇيغۇر دىۋان ئەدەبىياتىنى ۋە ئەرەب پارىسچىنى پىششىق ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاندىن قازاندىن تەكلىپ قىلىنغان ھەيدەر سايرانى ۋە ئەلى ئىبرايىموفلاردا پەندە ئوقۇغانلىقىنى بىلىمىز.


2014-يىللىق 3-سان مۇندەرىجىسى


بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ