ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمىسى
1864 -يىلى ئۇيغۇرلار 6 -ئايدا كۇچادا، 7 -ئايدا يەركەنت قەشقەردە، 8 -ئايدا خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چىيەنلۇڭخان شىنجاڭنى ئىستېلا قىلغاندىن بۇيانقى يۈز نەچچە يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم مانجۇر ھاكىمىيتىنى يوقىتىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئلادىغا ھاكىمىيەت تىكلەشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭدار بولغىنى، كۇچادا قۇرۇلغان راشىدىن خوجا رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت )كۇچا خوجا ھاكىمىيتى دېيىلىدۇ(دۇر. راشىدىن خوجا كۇچانىڭ شەرق-غەرب تەرىپىگە لەشكەر ئەۋەتىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى شەرقتە قۇمۇل، غەربتە خوتەن ئەتراپىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا كېڭەيدى. بىراق، 1865 -يىلى يازدا قەشقەر ئەتراپىدىكى خانئېرىقتا قوقەندىن كەلگەن ياقۇپبەگنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يىڭىلگەندىن كېيىن زاۋللاىققا يۈزلەندى.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ