تېئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مودېرىنلىشىش «يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش مۇساپىسى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق سوئلا سوراشقا توغرا كېلىدۇ: «يېڭى دۇنيا»دېگەندە زادى نېمە كۆزدە تۇتۇلىدۇ؟ ئلاەملەرگە رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسلاامنىڭ سايىسىدە ھەم دىن، ھەم ئۇنىڭ جانلىق تەدبىقى بولغان دىيانەت سۈننەت تەرىقىسىدە كاملاەتكە يەتتى. بىراق ئىلاھىي دىن ئەبەدىي مۇكەممەل ئىدى، ئىنسانىي دىيانەت بولسا غەيرى مۇكەممەل ئىدى. ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بۇ پېتنە-پاسات ئلاىمىدە بولغىنىدەك، دىن ۋە دىيانەتتىمۇ بۇزۇلۇش ياكى يېڭىلىنىش بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، جانابى ھەق ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئۈممىتىگە رەھمىتىنىڭ ئەسىرى سۈپىتىدە يۈز يىللىق بۇزۇلۇش مەزگىلىدىن كېيىن دىننى يېڭلايدىغان ئلاىم ئەۋەتىدۇ. ئلاىملارنىڭ قەرەللىك مەزگىلدە كېلىشى ئاخىر زاماندا مەھدىنىڭ ۋەزىپىسىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. مەھدى ناقىس كوللېكتىپ دىيانەتنى تارىخنىڭ ئاخىرى تۈگۈنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسلاام ئىشقا ئاشۇرغاندەك قايتىدىن كاملاەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئادەم ئەلەيھىسسلاام قوغلانغان جەننەتنى ياكى ئىسلام تارىخىنىڭ بېشىدا روياپقا چىققان سائادەت دەۋىرىگە ئوخشاش زېمىندا جەننەت بەرپا قىلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ ماقالىنى چۈشۈرۈڭ