مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى

دوكتور نۇرئەھمەت قۇربان

ئىخۋانۇل مۇسلىمىن زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي ھەركەتلەردىن بىرى بولۇپ، پرىنسىپ جەھەتتە باشقا ئىسلامىي ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسساالمنىڭ سۈننىتى ئاساسىدىكى ئىسلامغا قايتىشقا چاقىرىدۇ. ئەمەلىي ھاياتتا ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئىسلام ۋە ئەرەپ رايونىلىرىدا ئىلمانىي كېڭەيمىچىلىككە قارشى تۇرىدۇ. ئىخۋانۇل مۇسلىمىننىڭ قۇرۇلغاندىن تاكى دەۋرىمىزگىچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىگە قاراپ چىققان ۋاقتىمىزدا، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە شاھىت بولىمىز. ئىسلام چۈشەنچىسىدە ئاساسەن سىياسىي مەقسەتلەرنى چىقىش قىلىدۇ. ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي مۇئامىلە جەھەتتە مۇقىم بىر پىكىرگە ئېگە ئەمەس. بىز بۇ ئەسەردە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ