توقۇنۇش نەزەرىيەسى

ئادىل يۈسۈپ

تېئولوگىيەنىڭ سېكۇلارلاشقان شەكلى ھېسابلىنىدىغان، زامانىۋى دۇنيانىڭ مەھسۇلاتى بولغان جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە (بەدرى گەنجەر) تەتقىقات دائىرىسى، مېتودلىرى، قوبۇل قىلغان ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى، تەتقىقات ئوبيېكتلىرى ۋە تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان غوللۇق نەزەرىيەلەردىن بىرسى بولغان توقۇنۇش نەزەرىيەسى ھازىرقى زامان پەن ساھەسىدىكى ئورنىغا كېلىپ بولغۇچە نۇرغۇن باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى. جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە- ھادىسىلەرنى، ئۆزگىرىشلەرنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى توقۇنۇش، مەنپەئەت، كۈچ قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا جەمئىيەتنى ئوخشىمىغان قاتلام، تەبىقە، ئېتنىك ۋە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىدىغان بۇ نەزەرىيەنىڭ ھازىرقى دەك سەۋىيەگە كېلىپ بولۇشىغا نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيەچىلىرى ھەسسە قوشتى، بىراق بىز بۇ نەزەرىيەچىلەر ئىچىدە ھازىرمۇ تەسىرى بولغان 20 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن رالف داخرېندروفنىڭ توقۇنۇش نەزەرىيەسىنى ماقالىمىزدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىككى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرىنىڭ توقۇنۇشقا تولغان زامانىۋى دۇنيا نىڭ «روھىي» بىلەن زامانىۋى دۇنيانىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۈزۈلمىلەر، شۇنداقلا ئىدېئولوگىيە شەكىللىرىنىڭ ماھىيىتىدە ياتىدىغان توقۇنۇشلارنى ۋە بۇلارنىڭ دۇنياغا، جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ئىنسانغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى توغرىلىق يازغانلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىمىز.

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ