ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئەقىدىلىرىگە نەزەر

مۇسا جارۇللا بېگىيىۋ

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: نۇرئەھمەت قۇربان

روسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىي ئەھۋلاىغا قارىغىنىمىزدا، مەكتەپ مەدەرىسەلەرنى ئىسلاھ قىلىش، مائارىپ مېتودىنى يېڭىدىن بېكىتىش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋللار، ئىقتىسادىي كىملىكلەر، مىللىي ئەدەبىيات، مىللىي مەتبۇئات، مىللىي تىل ۋە يېزىقچىلىق قائىدىلىرىگە ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ مەسىلىلەر پەقەت رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈنمۇ غايەت مۇھىم مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ئادەم بۇنى بىلىدۇ. مەنمۇ بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىمەن.

لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە، مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئەھمىيىتى باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھېچبىرىنى مۇھىملىق دەرىجىسىدىن چۈشۈرۈۋېتەلمەيدۇ. مۇھىملىق مەيدانىدا ھېچقانداق تارلىق يوقتۇر. بىر مەسىلە بەك مۇھىم بولغاندا، باشقا مەسىلىلەرمۇ ئاز بولمىغان دەرىجىدە مۇھىم بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئېھتىياجلىرى، كەمچىلىكلىرى نەقەدەر كۆپ بولسا، ئۇ مىللەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەر شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ. شۇنداق كۆپ مەسىلە بار تۇرۇپ »ئۇ مەسىلىنى قۇيۇپ تۇرە! « دېيىش، مېنىڭچە مۇۋاپىق بىر پىكىر بولالمايدۇ. مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بىلەن بىر كىشى، يەنە بىرى بىلەن باشقا بىر كىشى، ئۈچۈنچىسى بىلەن ئۈچۈنچى بىر كىشى مەشغۇل بولسا بۇ ناھايىتى ياخشى بولغىنى.

بىر پەردىلىك ھايات درامىسىدا شۇ پەردىنىڭ ئىچكى ئەھۋلاىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي روللار ئوينالسا مىللەتنىڭ ھاياتىدىمۇ، ئۇمۇمى مەدەنىي ئەھۋالىدىمۇ شۇ مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىدىمۇ تېخىمۇ مۇھىم روللار ئوينىلىدۇ. بىلىشىمچە مىللەتلەرنىڭ ئىمان ئېڭى ئىنسانىيەت تارىخىدا غايات چوڭ تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئەكسىچە خۇراپىي ئېتىقادلار مەدەنيەت ھەرىكەتلىرىگە كاتتا تۇرغۇنلۇقلار ئېلىپ كەلمىدىمۇ؟ دىنىي ئېتىقاد بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا شۇنداق ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان كۆرەشلەر، ئىمانىي ئاڭنىڭ مېۋىسى ئەمەسمۇ؟ مىللەتلەرنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە ئوت بىلەن سۇغا ئوخشاش دۈشمەن قىلىپ قويغان نەرسە »ئىمان« ئىسمى بىلەن كۆڭۈللەردە تۆمۈرگە ئايلىنىپ كەتكەن نەزىريەلەر ئەمەسمۇ؟ ئىنساننى ياخشى-يامان ئىشلارغا يۈزلەندۈرىدىغان ھەمدە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن توسىدىغان نەرسە يەنە ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئەمەسمۇ؟

ئەقىدىلەرگە يەنە شۇ نۇقتىدىن قاراش پىرىنسىپىم بويىچە مەن ئىسلام ئەقىدىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسام، باشقا ئىنسانلار سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولسا بولمامدۇ؟ مەن ئېتىقاد ئىلمى بىلەن چوڭقۇرلاپ مەشغۇل بولسام، مېنىڭچە بۇ بىكار ئىش قىلغانلىق بولماس! مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىپ قويىدىغان دەرىجىدە زىيانمۇ بەرمەس! بەلكى پۈتۈن ئىنسانلىق ئالىمىگە گۈزەل بىر قاراش ئېلىپ كېلىش نۇقتىسىدىن قىلىۋاتقان بۇ ئىشىم مىللىتىمىزگە ناھايىتى كاتتا پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ