ئىسلام شەرىئىتىنىڭ غايە مەقسەتلىرى(1)

تاھىر بىن ئاشۇر

ئەرەپچىدىن ئېقىن تەرجىمىسى

بۇ كىتابنى يېزىشتىن مەقسىتىم: دىندا فىقھىشۇناس بولۇپ يېتىشىپ چىققانلارغا ماياك، خىلمۇخىل كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ قالغان چاغدا مۇراجىئەت قىلىدىغان مەنبە، باشقا-باشقا ئەللەردىكى فىقھىشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ئازايتىشقا ۋاسىتە، تەپرىقچىلىق ئۇچقۇنلىرى ئەتراپقا يامرىغاندا ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن كۈچلەندۈرۈشتە فىقھىشۇناسلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىنساپ قىلىشىغا جۈرئەت بولۇشى ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرى ئىچىدىن چوڭ تېمىلارنى يورۇتۇپ، ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ھەمدە شۇ مەقسەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە فىقھىشۇناس بولۇشتىكى مەقسەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا يېڭىلىقلار مەيدانغا كېلىپ، يېڭى ھادىسىلەر كۆپەيگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلىرىنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن يول بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە مەزھەبلەر ئارا تالاش- تارتىشلار يۈز بېرىپ، ئوخشىمىغان مەزھەبلەر مۇنازىرىسىدە ئاشۇ ئۆلىمالار بەيگىگە چۈشكەن چاغدا ھەل قىلغۇچ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولىدىكەن، مۇتەئەسسىپلىك قىلىشنى تاشلاپ، ھەقىقەتكە قايتىشتىن ئىبارەت بىز قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەقسەت ئايدىڭ بولغۇسى. مېنىڭ شەرئىي )يەنى قانۇنىي( مەسىلىلەردە ئىختىلاپلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا دەلىل كەلتۈرۈشتە قىيىنچىلىق تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىم بۇ كىتابنى يېزىشقا بەل باغلىشىمغا تۈرتكە بولدى. چۈنكى بۇلار تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىنى باش ئەگدۈرەلەيدىغان، ئىككىلىنىپ قالغۇچىنىڭ يولىنى تېپىۋېلىشىغا ۋاسىتە بولالايدىغان ئەڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈرگە يېقىن بولغان دەلىللەرگە تايانمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئەقلىيىزمچىلار ئۆزلىرىنىڭ لوگىكىلىق ۋە پەلسەپىۋىي دەلىل-پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا زۆرۈر بولغان، رىئاللىقتا مەۋجۇت بولغان ۋە ئوبيېكتىپ پىرىنسىپال دەلىللەرگە تايىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەتالاش تېزلا ئاخىرلىشىپ، مۇنازىرە قىلىشقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر پىكىرگە كېلەلمەسلىك يوق بولىدۇ. مەن شەرىئەت ئۆلىمالىرىنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئەڭ لايىق، كېيىنكىسىنى ئىلگىرىكىسىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى، دەپ قارايمەن. بەلكىم بىر قىسىم كىشىلەر قانۇنشۇناسلىق ئىلمىگە ئائىت مەسىلىلەردە بۇ مەقسەتنى بەك كوچىلاپ كېتىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنداق ئادەم قانۇنشۇناسلىق ئىلمىدە چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولغان ۋاقىتتا، قانۇنشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا خىلمۇخىل بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا فىقھىي ئەھكاملاردىكى خىلمۇخىللىققا ئەگىشىپ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىغا ئائىت پىرىنسىپال نەزەرىيەلەرنىڭمۇ ئىزچىل تۈردە خىلمۇخىل بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز: ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى پىرىنسىپال نەزەرىيەلەردە قانۇنشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، دېسىڭىزمۇ مەيلى. چۈنكى قانۇنشۇناسلىق ئىلمى فىقھىي ھۆكۈملەر توپلىنىپ ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن توپلانغان بولغاچقا، ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى قانۇنشۇناسلىقتىكى بۇ پىرىنسىپلا نەزەرىيەلەرنى ئاشۇ تارماق ھۆكۈملەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئالغان. لېكىن بىر بۆلۈك فىقھىشۇناسلار ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى پىرىنسىپ، نەزەرىيەلەرنى بىلىشتە سەل ئاجىزراق بولۇپ، بەيگىدە پىيادە ماڭغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. فىقھىشۇناسلىق بەيگىسىدە دۇلدۇلغا مىنىپ، مۇنازىرىگە چاقىرىلسا تۇنجى بولۇپ چۈشەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنشۇناسلىق ئىلمى قەدىمدىن تارتىپ ھۆكۈمدە ئىختىلاپلاشقۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ چەككە يېتەلەيدىغان دەرىجىدە بولماي كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پىكىردە بىرلىككە كەلتۈرۈش ياكى ھېچبولمىغاندا كۆز-قاراشتا يېقىنلاشتۇرۇش قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، قانۇنشۇناسلىق ئىلمىگە ئائىت كۆپ قىسىم مەسىلىلەردە شەرىئەتنىڭ ھېكمىتىنى ۋە ئىچكى مەقسىتىنى قوللىنىش ئاساس قىلىنماستىن، قانۇنشۇناسلىقنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى بىلىدىغان كىشىنى شۇ قائىدە-پىرىنسىپلاردىن تارماق ھۆكۈملەرنى چىقىرىش ياكى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان سۈپەتلەرنى چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان قانۇنىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن شەرئىي ئەھكاملارنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئوچۇق تېكىستىدىن چىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.

بۇ سان ژۇرنالنى تولۇق چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ