ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سۆيۈملۈك ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئۆتمۈشۈگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىلمى مىراسلارنىڭ، مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرغان ئىجادىي ئەمگىكى نەتىجىسىدە قىممەتلىك بايلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەدمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان زامانىمىز زىيالىيلىرىنىڭ ھەم ئېغىر شەرەپلىك بىر مەسئىولىيىەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋتقانلىقىنى كېسپ ئېيتالايمىز. تارىخىمىزدا نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنكىنى بىلىمىز، لېكىن بىرئەسەر قالدۇرۇپ كەتمىگەنلىكتىن ئىزلىرى تىز سۈرئەتتە تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈشكە يۈز تۇتماقتا. قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي ئەمگەك مېۋىلىرى بولسا ئۇنۇتۇلماقتا. بۇنداق ئەھۋال تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئچىنىشلىق سەھىپىلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆتمۈشىمىزدىكى مەنىۋى ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى مەدەنىي يۇسۇندا كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈىسىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان ئىلغار پىكىر ۋە كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈل بىر ئىھتىياج بۇپ قالدى. چۈنكى بۇ، مىللىتمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى ھېساپلىنىدۇ. مىللەت بۇنىڭ بىلەن مەوجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روناق تاپىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا تارىخىدىكى شانلىق ئورنىنى يىڭىدىن تىكلەيدۇ. مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپخاس ھاجىب ۋە شۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلەر بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
بۇگۈنكى كۈندە ساپالىق ئەۋلاتلار كۈنسېرى ئۇلغىيىپ بارماقتا. شۇنىڭغا ماىس ھالدا تېخنىك ئىمكانىيەتلەرمۇ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلار ئېلىپ كەلمكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر جەمئيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە قەلەم كۈچى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان يېزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرى، جەمئىيەتتە ئۈلگەلىك تەسىرىي كۈچكە ئېگە زىيالىيلار، ۋە ئالىملىرمىزنىڭ «ئانا يۇرت ژۇرنىلى»نىڭ نەشىر ھاياتىغا ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن قىزغىن تۆھپىلەر قوشىۇشىغا ئىشىنىمىز.
ھەر پەسىلدە بىر قېتىم نەشىر قىلىنىدىغان «ئانا يۇرت» ناملىق بۇ ژۇرنال، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئىلمىي قىممەتكە ئېگە ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىدۇ. توردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر يىلنىڭ ئاخىرىدا «ئانا يۇرت ژۇرنىلى ماقالىلار توپلىمى» شەكىلىدە نەشىر قىلىنىدۇ.
ژۇرنالدا نەشىر قىلىنغان ماقالىلارنىڭ مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىكى خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان جاۋاپكارلىقى پۈتۈنلەي يازغۇچىغا ئائىت بۇلۇپ، بۇ جەھەتتە ژۇرنىلىمىز ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ژۇرنالدا نەشىر قىلىنىدىغان ماقالىلار باشقا ژۇرنال، كىتاپ ۋە تور بەتلىرىدە نەشىر قىلىنمىغان بولۇشى شەرت.
ژۇنالغا ئەسەرئەۋەتىدىغان يازغۇچىلار، ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىيككە ئېگە بولۇشى بىلەن بىللە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى بولغان مەنبە كۆرسىتىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «ئەسەردە پايدىلىنىلغان مەنبەلەر» ياكى «ئىزاھاتلار» ئېنىق ۋە تەپسىلى يېزىلىشى لازىم.
ئەگەر نەشىر قىلىنىماقچى بولغان ئەسەر تەرجىمە ئەسەر بولسا، ئەسەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى PDF ياكى GPG نۇسخىسى ئېلىكترونىك پوچتا ئارقىلىق تەجىمە تېكىستى بىلەن بىرگە ئەۋەتىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسەرنىڭ يازغۇچىسىنىڭ قىسقىچە تەجىمەھالى ۋە ئەسەرنىڭ بىر ئابزاس ئەتراپىدا خۇلاسىلانغان قىسقىچە مەزمۇنى تەرجىمە تېكىستىنىڭ باش تەرىپىگە قىستۇرۇلۇشى لازىم.
ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئىلمىي قىممەتكە ئېگە ۋە ژۇرنىلىمىزنىڭ يېزىقچىلىق پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالەتتە يېزىلغان ئەسەرلەر تور بېتىمىزنىڭ «ئەسەر ئەۋەتىڭ» كاتېگورىسىدىن ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلىشى لازىم.