ئەسەر قوبۇل قىلىش شەرتلىرى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، كۈنىمىزدە دۇنيا يېزىقچىلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئىلمىي ئەسەر يېزىقچىلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بەزى ئۆلچەملەر بار. بۇ ئۆلچەملەر چەتئەللەردە خېلى بۇرۇنلا يولغا قويۇلۇپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئارىسىدا تېخى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللىنىشقا باشلاندى. ئىپادىلىمەكچى بولغان بىرەر ئوي پىكىر ياكى بىرەر ھادىسىنى باب ۋە پەسىللەر بويىچە سىستېمىلىق بايان قىلىش، بىر جەھەتتىن ئىپادىلەنمەكچى بولغان كۆزقاراشنىڭ چۇۋالچاق، تەرتىپسىز بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر جەھەتتىن يازغۇچىغا قايسى مەسىلىنى ئەسەرنىڭ قايسى بۆلۈمىدە يېزىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئەسەرنىڭ چۈشىنىشلىك، راۋان بولۇشىغا بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋىيەدە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
شۇڭا ژۇرنالغا ئەۋەتىلمەكچى بولغان ئەسەرلەر تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرت:
1 – ئەسەر بىر مۇقەددىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇش.
2- مۇقەددىمىدىن باشقا ئەڭ ئاز ئىككى بابتىن تەركىب تاپقان بولۇش.
3- ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوي پىكىرنىڭ خۇلاسىسى يېزىلغان بولۇش.
4- ئەسەردە پايدىلىنىلغان مەنبەلەر ياكى ئىزاھاتلار ئېنىق ۋە تەپسىلىي يېزىلغان بولۇش.
بىر ئىلمىي ئەسەردە مەلۇم بىر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەۋجۇت مەلۇماتلارنى ئوخشاش بولمىغان ھەجىم ياكى ئۇسلۇبتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش مەقسەت قىلىنسا، بەزىدە مەلۇم بىر تېمىدا ئۆزگىچە بىر پىكىر ياكى كەشپىيات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا پايدىلانغان پىكىرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىر تەرەپتىن ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنىڭ ئىچىدە پايدىلىنىلغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلانىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «پايدىلانغان مەنبەلەر» دېگەنگە ئوخشاش بىر ماۋزۇ ئاستىدا، ماقالە ئىچىدە بەتنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن مەنبەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى يېزىش مۇھىم.
ئەگەر ئەۋەتىلمەكچى بولغان ئەسەر تەرجىمە ئەسەر بولسا، ئەسلى ئەسەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى PDF ياكى رەسىم ھۆججىتى شەكلىدە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسەر ئاپتورىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرنىڭ بىر ئابزاس ئەتراپىدا خۇلاسىلانغان قىسقىچە مەزمۇنى تەرجىمە تېكىستىنىڭ باش تەرىپىگە قىستۇرۇلۇشى كېرەك.
ئۇسلۇب جەھەتتىن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ۋە ژۇرنىلىمىزنىڭ يېزىقچىلىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن شەكىلدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى تور بېتىمىزنىڭ «ئەسەر ئەۋەتىڭ» كۆزنىكىدىن ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.